ياخو پۈتكۈل ئابۇنېتلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى «ئوغرى» غا بەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى

ئىنتېرنېت شىركىتى ياخو، ئۈچ مىليارد ئەتراپىدىكى پۈتكۈل ئابۇنېتلىرىغا ئائىت ئۇچۇرلارنىڭ تور ھۇجۇمچىلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

820183
ياخو پۈتكۈل ئابۇنېتلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى «ئوغرى» غا بەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ۋېرىزون شىركىتىگە سېتىلغاندىن كېيىن، بۇ شىركەتنىڭ قارمىقىدىكى ئوئات (Oath) ناملىق ئىككىنچى بىر شىركەتنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلانغان ياخو، 2013 – يىلىدىكى تور ھۇجۇمىدا 3 مىليارد ئادرېسىنىڭ ھەممىسىنىڭ دەخلىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئوئاتنىڭ ئىنتېرنېت سەھىپىسى ئارقىلىق ئېلان قىلىنغان باياناتتا، 2016 – يىلى دېكابىردا ياخونىڭ 1 مىلياردقا يېقىن ئابۇنېت ئادرېسىنىڭ ئۇچۇر ئوغرىلاش ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنىڭ بايقالغانلىقى خاتىرىلىتىلگەن ھالدا، يېڭى تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدە بۇ ھۇجۇمنىڭ پۈتكۈل ئابۇنېتلارغا زىيان يەتكۈزگەنلىكىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا، 2013 – يىلى ئاۋغۇستتىكى ۋەقەدە تور ھۇجۇمچىلىرى ياخونىڭ 3 مىليارد ئابۇنېتىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئادرېس ئۇچۇرلىرىنى قولغا چۈشۈرۈۋالغان بولسىمۇ، تور ھۇجۇمچىلىرىنىڭ ئابۇنېتلارنىڭ بانكا ھېسابات ئۇچۇرلىرى ۋە بانكا كارتلىرىغا ئالاقىدار مەلۇماتلارنى قولغا چۈشۈرەلمىگەنلىكى تەكىتلەندى.

ئامېرىكىنىڭ ۋېرىزون شىركىتى ئىيۇن ئېيىدا ياخونى 4 يېرىم مىليارد دوللارغا يېقىن پۇلغا سېتىۋالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر