كاتالونيانىڭ مۇستەقىللىق سايلىمىنى قوللىغۇچىلار ئىش تاشلاش نامايىشى باشلىدى

نامايىشقا كاتالونيادىكى بارلىق ساھەلەر قاتناشقان بولغاچقا تۇرمۇش پالەچ ھالغا كېلىپ قالدى.

819138
كاتالونيانىڭ مۇستەقىللىق سايلىمىنى قوللىغۇچىلار ئىش تاشلاش نامايىشى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسپانىيەنىڭ شەرقىدىكى كاتالونيا ئاپتونوم رايونىدا مۇستەقىللىقنى قوللىغۇچى بەزى ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ چاقىرىقى بىلەن ئىسپانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمىلىرى ۋە ساقچىلارنىڭ مۇداخىلىسىگە قارشى ئىش تاشلاش نامايىشى باشلاندى. 

كاتالونيادا «قانۇسىز» دەپ ئېلان قىلىنىشىغا قارىماستىن، 1 – ئۆنكتەبىردە ئۆتكۈزۈلگەن مۇستەقىللىق نامايىشىدىن 2 كۈن كېيىن، شۇ يەرنىڭ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 06:30 دا ئىش تاشلاش نامايىشى باشلاندى.

ئىش تاشلاش نامايىشى سەۋەبىدىن تاكسىلار مۇلازىمەت قىلالمىدى. كاتالونيادىكى مەكتەپلەرنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمى تاقالدى. ئوچۇق مەكتەپلەردىمۇ دەرس ئۆتۈلمىدى. دوختۇرخانىلاردا جىددىي ئوپىراتسىيەدىن باشقا بارلىق مۇلازىمەتلەر توختىتىلدى.

نامايىشقا كاتالونيادىكى بارلىق ساھەلەر قاتناشقان بولغاچقا تۇرمۇش پالەچ ھالغا كېلىپ قالدى.

بۈگۈن ئەتىگەندە بارسېلونادىكى مېۋە، كۆكتات – بازىرىدا باشلانغان نامايىش دائىرىسىدىمۇ كاتالونيانىڭ ئەڭ مۇھىم 12 چوڭ يولى بەزى كىچىك گۇرۇپپىلار تەرىپىدىن توسۇلۇپ، قاتناش توختىتىلدى.

بارسېلونادا بۈگۈن ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوت ئۆچۈرۈش ئەتلىرىنىڭ گۇرۇپپا شەكلىدە يۈرۈشكە چىقىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىش تاشلاشقا ئەگەشكەن ھالدا ئۆتكۈزۈلىدىغان باشقا نامايىشلاردا بولسا، 1 – ئۆكتەبىردىكى  قانۇنسىز مۇستەقىللىق سايلىمى ئەسناسىدا، ئىسپانىيە ساقچىلىرى ۋە ژاندارما قىسىملىرىنىڭ بېلەت تاشلاش مەركەزلىرىگە قىلغان مۇداخىلىسى سەۋەبىدىن 893 كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقىغا قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈلىدىغانلىقى ئۈسكەرتىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن بارسېلونا پۇتبول كوماندىسى كۇلۇبىمۇ كاتالونيادىكى مۇستەقىلىق سايلىمىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

بارسېلونا پۇتبول كوماندىسى كۇلۇبى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىشخانىلىرىنىڭ تاقىلىدىغانلىقى ۋە مەشىقلەرنىڭمۇ توختىتىلىدىغانلىقى جاكارلاندى. 

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر