گېرمانىيەدە بايقالغان 250 كېلو ئېغىرلىقتىكى بومبا ھەممىنى چۆچۈتتى

بومبىنى پاچاقلاپ تاشلاش ئۈچۈن 10 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى رايوندىن بىخەتەر جايلارغا يۆتكەشكە توغرا كەلدى.

818988
گېرمانىيەدە بايقالغان 250 كېلو ئېغىرلىقتىكى بومبا ھەممىنى چۆچۈتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندە قەدىمىي پويىز ئىستانسىسىدىكى قۇرۇلۇش خىزمەتلىرى جەريانىدا 2 – دۇنيا ئۇرۇشىدىن قالغان 250 كېلو ئېغىرلىقتىكى بىر بومبا بايقالدى.

بېرلىن ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بومبىنى پاچاقلاپ تاشلاش ئۈچۈن رايوندىكى 10 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى بىخەتەر جايلارغا يۆتكەشكەشكە توغرا كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

چوڭ يول ۋە كوچىلاردا قاتناش توختىتىلدى. كىشىلەرنى بىخەتەر جايلارغا يۆتكەش خىزمەتلىرى باشلاندى. يۆتكەلگەن كىشىلەرنىڭ تېمپېلھوف شىچونېبېرگ ناھىيەسى ھۆكۈمەت بىناسىدا تۇرسا بولىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

گېرمانىيەدە ئالدىنقى قېتىم ئۆتكەن ئاينىڭ باشلىرىدا فىرانكفورت  شەھىرىدىمۇ 2 – دۇنيا ئۇرۇشىدىن قالغان بىر بومبا بايقىلىپ، 600 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى بىخەتەر جايلارغا يۆتكەشكە توغرا كەلگەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر