ئىراقتىكى ئىتتىپاقداش كۈچلەر ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دائېشقا قارشى خەلقئارا ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ بىر ئاپتوموبىلى يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان پارتلاتقۇچ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ بىر ئەسكىرى ئۆلدى.
818377
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقتا تۇرۇشلۇق بىرلەشمە ۋەزىپە ئۆتەش قىسىملىرى تەبىئىي ئىرادە ھەرىكىتى قوماندانلىق مەركىزى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «1- ئۆكتەبىردە ئىراقتا ئاپتوموبىللىرى يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان پارتلاتقۇچ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئىتتىپاقنىڭ بىر ئەسكىرى ئۆلدى. ئۆلگەن ۋە يارىلانغان ئەسكەرلەرنىڭ كىملىكى، يېقىنلىرىغا خەۋەر قىلىنىپ بولغۇچە ئېلان قىلىنمايدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
باياناتتا، ۋەقەنىڭ ئىراقنىڭ قايسى رايونىدا مەيدانغا كەلگەنلىكى توغرىسىدىمۇ ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئوخايودا قوراللىق ۋەقە يۈز بەردى
ئامېرىكانىڭ ئوخايو ئىشتاتىدا بىر تۇغۇلغان كۈن زىياپىتىدە، قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى.