دائېش فىرانسىيەدىكى ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالدى

فىرانسىيەنىڭ مارسىلىيا شەھىرىدىكى پويىز بېكىتىدە تۈنۈگۈن مەيدانغا كېلىپ، ئىككى ئايالنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىشنىڭ ۋەقەسىنىڭ جاۋابكارلىقىنى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۈستىگە ئالدى.

818359
دائېش فىرانسىيەدىكى ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان مارسىلىيا شەھىرىنىڭ سائىنت- چارلېس ۋوگزالىدا يۈز بەرگەن ۋەقەدە، پىچاقلىق بىر ئادەمنىڭ كىشىلەرگە ھۇجۇم قىلغانلىقى، ۋەقەدە ئىككى ئايالنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، ھۇجۇمچىنىڭ ئېتىپ تاشلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.

فىرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى گېرارد كوللومب، ۋەقەنىڭ بىر تېررورلۇق ھۇجۇمى بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى قەيت قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر