تۈركىيە چېگراسىغا يېقىن جايدىكى ئىدلىب قاتتىق بومباردىمان قىلىندى

سۈرىيەنىڭ تۈركىيە چېگراسىغا جايلاشقان ئىدلىب قاتتىق بومباردىمان قىلىنىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى.

817367
تۈركىيە چېگراسىغا يېقىن جايدىكى ئىدلىب قاتتىق بومباردىمان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ تۈركىيە چېگراسىغا جايلاشقان ئىدلىبتىكى ئارماناز رايونى بومباردىمان قىلىنىپ 40 پۇقرا ئۆلدى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىدلىبتىكى ئارماناز رايونى  كۈن كەچ بولغاندا قاتتىق بومباردىمان قىلىنغان.

30 ئۆي ۋەيران بولغان رايوندا ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.

ئىدلىبنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا بولسا 4 ناھىيە، 5 رايون ۋە 15 يېزا بومباردىمان قىلىنىپ 20دەك پۇقرا ئۆلدى.

ئىدلىبتە 29-سېنتەبىردىن ھازىرغىچە ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھەربىي ھەرىكەتلىرىدە 140 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇپ، ھاۋا ھەربىي ھەرىكەتلىرىدە ئاساسەن دېگۈدەك دوختۇرخانا ۋە مەكتەپلەر ھۇجۇم نىشانى قىلىندى.

ھۇجۇم ئاستىدا تۇرۇۋاتقان ئىدلىب قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانادا چاقىرىلغان سۈرىيە سۆھبەتلىرى يىغىنىدا تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران تەرىپىدىن «توقۇنۇشقا بولمايدىغان رايون»قىلىپ بېكىتىلگەنىدى.

تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئىدلىبتە ھاۋادىن بىر نەچچە قېتىم ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغان رۇسىيەنى ئاگاھلاندۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر