كابۇلدا دائېش تېررورچىلىرى جامەگە ھۇجۇم قىلدى

پايتەخت كابۇلدا دائېش ئەزاسى بىر زوراۋان جامە ئادەم بومبا ھۇجۇمى قوزغىدى.

817306
كابۇلدا دائېش تېررورچىلىرى جامەگە ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ 6 ئادەم ئۆلدى، 20 ئادەم يارىلاندى.

ئىگىلىنىشىچە، ئادەم بومبا ھۇجۇمى جۈمە كۈنى  (تۈنۈگۈن)چۈشتىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن.

شاھىتلار بەدىنىگە بومبا تېڭىۋالغان زوراۋاننىڭ ۋەقەنى سادىر قىلىشتىن ئىلگىرى جامە ئەتىراپدا ئايلىنىپ يۈرگەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.

بۇ قېتىمقى ئادەم بومبا ھۇجۇمىنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئۈستىگە ئالدى.

تۈركىيە ۋەقە توغرۇلۇق بايانات ئېلان قىلىپ، ۋەقەنى سادىر قىلغۇچىلارنى ئەيىبلەش بىلەن بىرگە، ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «ئافغانىستاننىڭ رەڭدار ۋە مۇرەككەپ ئېتىقاد ۋە ئېتنىك قۇرۇلمىسى ھۇجۇم نىشانى قىلىنغان بۇ تېررورلۇق ۋەقەسىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ۋە قېرىنداش ئافغان خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز ۋە  ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت قىلىشنى، يارىدارلارغا شىپالىق بېرىشنى تىلەيمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر