رۇسىيە: موسكۋا ۋاشىنگتونغا تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرىدۇ

رۇسىيە ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ ھەربىي ئايروپىلانلىرىنىڭ ئامېرىكا ھاۋا تەۋەلىكىدە چارلاش ئېلىپ بېرىشىغا چەكلىمە قويغان تەقدىردە، موسكۋانىڭ ۋاشىنگتونغا تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

816908
رۇسىيە: موسكۋا ۋاشىنگتونغا تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاھاروۋا موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئامېرىكىنىڭ رۇس ھەربىي ئايروپىلانلىرىنىڭ «ئوچۇق سامالار كېلىشىمى» دائىرىسىدە ئامېرىكا ھاۋا تەۋەلىكىدە چارلاش ئېلىپ بېرىشىغا چەكلىمە قويغان تەقدىردە، موسكۋانىڭ بۇنىڭغا قارشى تەدبىرلەر ئارقىلىق ۋاشىنگتونغا تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ۋاشىنگتوننىڭ پوزىتسىيەسى ھەرگىزمۇ ياخشىلىقنىڭ ئالامىتى ئەمەس. بۇ ھەقتە ئىتتىپاقداشلىرىمىزنى ئاگاھلاندۇردۇق. ئەگەر ئامېرىكا بىزنىڭ ھەربىي ئايروپىلانلىرىمىزنىڭ ئامېرىكىنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىدە چارلاش ئېلىپ بېرىشىغا چەكلىمە قويسا، بۇ چەكلىمىلەرنىڭ كېلىشىملەرگە خىلاپ ياكى ئەمەسلىكىگە قارايمىز ھەمدە بۇ ھەقتە قارار چىقىرىمىز. بىز دائىم دېگۈدەك شۇنى تەكىتلەپ كېلىۋاتىمىزكى، ھېچكىم خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە ئۆزئارا پايدىلىنىش پىرىنسىپىنى بىكار قىلالىغىنى يوق.»

ئىلگىرى «‹ Wall Street Journal› گېزىتى»، ئاق ساراينىڭ «ئوچۇق سامالار كېلىشىمى» دائىرىسىدە رۇس ھەربىي ئايروپىلانلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىدە ئۇچۇشلىرىغا چەكلىمە قويغانلىقىنى يازغانىدى.

كرېمىل سارىيى بولسا كېلىشىم دائىرىسىدىكى بارلىق تەلەپلەرنىڭ بۇ ھۆججەتكە ئاساسەن ئورۇندىلىشى توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر