ئىران: بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش ئىستراتېگىيەلىك خاتالىق بولدى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن قانۇنسىز ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىنىڭ «ئېغىر ئىستراتېگىيەلىك خاتالىق» بولغانلىقىنى ئېيتتى.

816169
ئىران: بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش ئىستراتېگىيەلىك خاتالىق بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 72 – نۆۋەتلىك ب د ت يىغىنىدىن كېيىن نيۇ يوركتىكى ئۇچرىشىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان زەرىف، «ئاسىيا جەمئىيىتى» ناملىق ئورگاندا ئامېرىكىلىق ژۇرنالىست ۋە دىكتور چارلىې روزنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئۆتكۈزگەن قانۇنسىز ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىگە ئالاقىدار بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، «بۇنى ناھايىتى ئېغىر خاتالىق، دەپ قارايمىز. بىز كوردلارنىڭ دوستى ۋە ئۇلارنىڭ مەڭگۈلۈك دوستى بولۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز. بۇنى (بېلەت تاشلاش پائالىيىتىنى) ئىراقتىكى كورد رايونى بىلەن چەكلىنىپ قالمايدىغان ئېغىر ئىستراتېگىيەلىك خاتالىق، دەپ قارايمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر