پېنتاگون «سەۋەنلىك بىلەن» پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (پېنتاگون)، ئافغانىستاندا تېررورچىلارغا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا، سەۋەنلىك بىلەن پۇقرالارنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

816045
پېنتاگون «سەۋەنلىك بىلەن» پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئافغانىستاندىكى قارارگاھى بايانات ئېلان قىلىپ، تېررورچىلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا پۇقرالارنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقىنى، ۋەقەنىڭ كابۇل ئايرودۇرۇمىغا يېقىن جايغا ھۇجۇم قىلغان تېررورچىلارنى چېكىندۈرۈش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇمى ئەسناسىدا يۈز بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، «(ئافغانىستان خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە) ياردەم قىلغۇچى ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى. ئەپسۇسكى، بومبىلاردىن بىرى نورمال ئىشلىمەي، كىشىلەرگە زىيان يەتكۈزدى. قەتئىي ئىرادە بىلەن ياردەم قىلىش قوماندانلىقى، پۇقرالارنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىتىلغانلىقىدىن چوڭقۇر ئەپسۇسلانماقتا» دېيىلدى.

ئافغانىستان تاراتقۇلىرى، ئامېرىكىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا بىر كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى، 4 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر