خىتاي جىبۇتىدا ھەربىي مانېۋىر باشلىدى

خىتاي جىبۇتىدا مانېۋىرنى باشلىشى بىلەن تەڭلا ياپونىيەنىڭمۇ جىبۇتىدا تۇرۇشلۇق ئەسكەرلىرى 7 كۈنلۈك مانېۋىر باشلىدى.

814516
خىتاي جىبۇتىدا ھەربىي مانېۋىر باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي ئافرىقىدا قۇرغان تۇنجى دېڭىز ھالقىغان ھەربىي بازىسىدا راست ئوقلارنى ئىشلىتىپ  مانېۋىر باشلىدى.

«South Morning Post» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە، ھەربىي بازىنىڭ قوماندانى لياڭ ياڭنىڭ «جىبۇتىدا تۇرۇشلۇق ئەسكەرلىرىمىز تۇنجى قېتىم ئۇرۇش مەشقى ئۈچۈن بازىدىن ئايرىلدى. راست ئوق ئىشلىتىلىدىغان بۇ مانېۋىر، دېڭىز ھالقىغان گازارمىلاردا يېڭى ھەربىي مەشىق مودېلى تېپىپ چىقىشقا ياردەمچى بولىدۇ» دېگەنلىكىنى يازدى.

خىتاينىڭ ئونلىغان ھەربىي ئوقۇتقۇچىلىرى جىبۇتى قوراللىق قىسمى مەشىق قىلىدىغان جايدا ئەسكەرلىرىنى مەشىق قىلدۇردى. بۇ يەرگە بىرونىۋېكلار، تاپانچا، ئاپتومات ۋە باشقا ئاپتوماتىك قوراللارنى يۆتكىدى.

خىتاي جىبۇتىدىكى ھەربىي بازىسىنىڭ قۇرۇلۇشىنى بىر يىلدا تاماملاپ، 1–ئاۋغۇست كۈنى ئىشقا كىرىشتۈرگەن ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ بازىنى يەمەن ۋە سومالى دېڭىزىدىكى خەلقئارا تىنچلىقنى ساقلاش قىسىملىرىغا قاتناشقان دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئارقا سەپ تەمىناتى ئۈچۈن ئىشلىتىشنى پىلانلىماقتا.

خىتاي جىبۇتىدا 10 مىڭغا يېقىن ئەسكەر تۇرغۇزغان بولۇپ، بۇ ئەسكەرلەرنى 2026–يىلىغىچە جىبۇتىدا تۇرغۇزۇشنى ئويلاشماقتا. 

خىتاي ئافرىقىدىكى ھەربىي بازىسى سايىسىدە، ئافرىقا قىتئەسىدىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تەبىئىي بايلىقلىرىغا ۋە يېڭى ئىقتىسادىي ئىمكانىيەتلىرىگە يۈزلىنىشنى پىلانلىماقتا. 

قىزىل دېڭىزنىڭ جەنۇبىي كىرىش ئېغىزىغا جايلاشقان جىبۇتىدا، خىتايدىن باشقا يەنە، ئامېرىكا، فىرانسىيە ۋە ياپونىيەنىڭمۇ ھەربىي بازىرىلىرى مەۋجۇد. 

ياپونىيە تاراتقۇلىرى، خىتاي مانېۋىرنى باشلىشى بىلەن تەڭلا ياپونىيەنىڭ جىبۇتىدا تۇرۇشلۇق ئەسكەرلىرىنىڭمۇ ئۆز پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش مانېۋىرى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. 

ياپونىيە ئاخباراتلىرىدا بىلدۈرۈلىشىچە، ياپونىيەنىڭ 25–سېنتەبىردە باشلانغان مانېۋىرى 2 –ئۆكتەبىردە ئاخىرىلىشىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر