سۈرىيەدە ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونلار ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈنۈگۈن (24-سېنتەبىر) كېچە سۈرىيەدە ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى «توقۇنۇشماسلىق رايونى» ھېسابلىنىدىغان ئىدلىب شەھىرى، ھاما ۋە لازقىيەنىڭ يېزىلىرىغا قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇمىدا، 18 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان، 30 پۇقرا يارىلانغان.

813724
سۈرىيەدە ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونلار ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە ئۆكتىچىلەرنىڭ قولىدىكى ئىدلىب ۋە ھامادىكى بەزى رايونلار ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. يەرلىك مەنبەلەردىن ئېلىنغان مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئىدلىبنىڭ جەنۇبىدىكى نۇرغۇن رايونلار ھاۋادىن بومباردىمان قىلىنغان بولۇپ، 60 قېتىمدىن ئارتۇق بومباردىماندا 15 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان، 30 پۇقرا يارىلانغان. بۇنىڭ بىلەن، ئىدلىبتە يېقىنقى بىر ھەپتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان پۇقرالارنىڭ سانى 61 گە چىققان.

يەنە بىر تەرەپتىن، ھامانىڭ شىمالىدىكى كەفەر زىتا، كەفەر رۇما، كالە مادىك ۋە مورەك قاتارلىق رايونلىرىمۇ ھاۋادىن بومباردىمان قىلىنماقتا. بۈگۈن (25-سېنتەبىر) سەھەرگىچە قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇمىدا، ئەڭ ئاز دېگەندە ئۈچ پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان.

رايونلارغا ھاۋا ھۇجۇمى قىلغان ئايروپىلانلارنىڭ تەۋەلىكى ھەققىدە ھازىرچە ھېچقانداق مەلۇمات ئېلان قىلىنمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر