«ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى مۇستەقىللىق رېفېراندۇمىدىن ۋاز كېچىشى كېرەك»

مىنىستىرلار كېڭىشى ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنى مۇستەقىللىق رېفېراندۇمىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىردى.

812522
«ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى مۇستەقىللىق رېفېراندۇمىدىن ۋاز كېچىشى كېرەك»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۆكۈمەت باياناتچىسى بەكىر بوزداغ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان رىياسەتچىلىكىدە بەشتەپە سارىيىدا چاقىرىلغان مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى رېفېراندۇم ئۆتكۈزسە، تۈركىيەنىڭ ئىككى تەرەپلىك ۋە خەلقئارالىق كېلىشىملەرگە ئاساسەن مۇداخىلە قىلىش ھوقۇقىنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنىدا ھەم ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ رېفېراندۇم ئۆتكۈزۈش قارارى ھەم بۇ ھەقتە ئېلىنىدىغان تەدبىرلەر توغرۇلۇق كەڭ دائىرىلىك مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن بوزداغ، مىنىستىرلار كېڭىشىگىمۇ بەزى تەكلىپلەرنىڭ سۇنۇلغانلىقىنى، مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىدىمۇ دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تەۋسىيەلىرى ۋە تەكلىپلىرى قاراپ چىقىلغانلىقىنى ھەمدە رېفېراندۇم توغرۇلۇق تەپسىلىي ئانالىزلار ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «يىغىندا مۇستەقىللىق رېفېراندۇمى ئۆتكۈزۈلگەن تەقدىردە تۈركىيەنىڭ قانداق تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقى، بۇ تەدبىرلەرنى قاچان ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقى كەڭ دائىرىدە مۇزاكىرە قىلىندى. رېفېراندۇمنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنى ئەسلا قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىمىزنى، بۇنىڭغا قوشنا دۆلەتلەرنىڭمۇ قارشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىمىز، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىنى رايوننىڭ ئېتنىك قۇرۇلمىسىنىڭ بۇنىڭغا ئۇيغۇن ئەمەسلىكىكە ئاغدۇرىمىز. تۈركىيە <رېفېراندۇم كېچىكتۈرۈلسۇن> تەرىقىسىدىكى تەلەپلەرگە قارشى بولۇپ، توغرا بولغىنى، رېفېراندۇمنىڭ كېچىكتۈرۈلۈشى ئەمەس، بىكار قىلىنىشىدۇر. بۇ نۇقتىدا ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىگە يەنە بىر قېتىم چاقىرىقتا بولىمىز: ئەقىل – پاراسەت بىلەن ئىش قىلىڭلار، رېفېراندۇمنى بىكار قىلىڭلار.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر