تۈركىيە، ئىراق ۋە ئىران شىمالىي ئىراقتىكى بېلەت تاشلاش پائالىيىتى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە، ئىران ۋە ئىراقنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى نيۇ يوركتا ئۆتكۈزگەن ئۈچ تەرەپ يىغىنىدىن كېيىن، شىمالىي ئىراقتىكى ئەھۋاللار توغرىسدا ئورتاق بايانات ئېلان قىلدى.

811473
تۈركىيە، ئىراق ۋە ئىران شىمالىي ئىراقتىكى بېلەت تاشلاش پائالىيىتى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە، ئىران ۋە ئىراقنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى نيۇ يوركتا ئۆتكۈزگەن ئۈچ تەرەپ يىغىنىدىن كېيىن بايانات بېرىپ، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ 25 – سېنتەبىردە ئۆتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتقان ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىنىڭ دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەشكە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

72 – نۆۋەتلىك ب د ت  يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن نيۇ يوركقا بارغان تۈركىيە، ئىران ۋە ئىراقنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۈچ تەرەپ يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتقان ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى توغرىسىدا مۇھاكىمە يۈرگۈزدى. ئۈچ مىنىستىر يىغىندىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، ئىراقنىڭ بىر پارچىسىنىڭ ھازىرمۇ دائېشنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

«ئىراقتا ئالدى بىلەن بىخەتەرلىك ۋە تىنچلىق كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى شەرت» دېيىلگەن باياناتتا، دەتالاشلىق ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىنىڭ ھەم دائېشقا قارشى داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقان كۈرەشنى، ھەم رايوندىكى كوردلارنى ناھايىتى ئېغىر ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغان خەۋپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، ئەربىل بىلەن باغداد ئارىسىدا ئورنىتىلىدىغان كۈچلۈك دىيالوگ ئارقىلىق مەسىلىگە چارە تېپىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقى تەكىتلەندى ۋە تۈركىيە بىلەن ئىراننىڭ بۇ قەدەمنى كۈچلۈك شەكىلدە قوللايدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر