ئىراق: بىز مەسىلىنى يول قويماستىن ھەل قىلىشقا تەييار... خاتالىقنى بىز ئەمەس، ئۇلار سادىر قىلدى

ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەلئىبادى، بېلەت تاشلاش پائالىيىتىنىڭ كېچىكتۈرۈلۈشى ئەمەس، پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

810526
ئىراق: بىز مەسىلىنى يول قويماستىن ھەل قىلىشقا تەييار... خاتالىقنى بىز ئەمەس، ئۇلار سادىر قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەلئىبادى، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ 25 – سېنتەبىردە ئۆتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتقان ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىنىڭ كېچىكتۈرۈلۈشى ئەمەس، پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەلئىبادى باغدادتىكى ھۆكۈمەت سارىيىدا بىر قىسىم مەھەللىي ۋە خەلقئارا تاراتقۇلار، شۇنداقلا ئىستراتېگىيە ئورۇنلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، شىمالىي ئىراقتىكى ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى توغرىسىدا توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىراق ئاساسىي قانۇنىغا شىمالدىن جەنۇبقىچە پۈتكۈل ئىراقلىقلار بېلەت تاشلىدى. دۆلەتتىكى ئالاقىدار بارلىق ئورگانلار ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىنىڭ مەزكۇر ئاساسىي قانۇنغا زىت ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلدى. ھەممە بۇنىڭغا رىئايە قىلىشى كېرەك. سەن (مەسئۇت بارزانى) كۈردىستان رايونىدا ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرغۇدەك كۆپ سانلىققا ئىگە ئەمەسسەن. كورد ئەمەس باشقا كىشىلەر قەيەرگە كېتىدۇ.»

ھەيدەر ئەلئىبادى، بۇ ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىگە پۈتۈنلەي قارشى ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلەپ، «بېلەت تاشلاش پائالىيىتىنى مەيلى ھازىر مەيلى كېلەچەكتە بولسۇن، مەيلى ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىدە ياكى باشقا جايلاردا ئۆتكۈزۈلسۈن، تەلتۆكۈس رەت قىلىمىز. كېچىكتۈرۈلۈشى ئەمەس، پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرىنىڭ بېلەت تاشلاش پائالىيىتىگە ئالاقىدار سۆزلىرىنىڭ «خەتەرلىك يۆنىلىشكە قاراپ كېتىۋاتقانلىقى» نى ئەسكەرتكەن ھەيدەر ئەلئىبادى، باغدادنىڭ كورد ئەمەلدارلارغا پۈتكۈل دىيالوگ ئىشىكلىرىنى ئوچۇق تۇتۇۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

«بېلەت تاشلاش ئارقىلىق دۆلىتىمىزنى ئاجىزلىتىش كۆزلىنىۋاتىدۇ. (ئاغدۇرۇۋېتىلگەن پىرېزىدېنت) ساددام (ھۈسەيىن) نىڭ خاتالىقلىرى بۈگۈن تەكرارلانماقتا. يەنە كېلىپ، بۇ ئىش تۈپەيلى قوشنا دۆلەتلىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈشنى خالىمايمىز» دېگەن ئىراق باش مىنىستىرى، «مەسىلىنى قەتئىي يول قويماستىن ھەل قىلىشقا تەييارمىز. چۈنكى، خاتالىقنى بىز ئەمەس، ئۇلار (ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى) سادىر قىلدى» دېدى.

ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەلئىبادى سۆزى جەريانىدا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشى توغرىسىدىمۇ توختىلىپ، «ئەردوغان بىلەن تېلېفوندىكى كۆرۈشۈشىمىز ناھايىتى كۈچلۈك، مەنىلىك ۋە روشەن ئىدى. بۇ، باشقا تۈرك ئەمەلدارلار بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىمىز ئۈچۈنمۇ كۈچكە ئىگە. تۈركىيە بىلەن بۇ جەھەتتە ناھايىتى كۈچلۈك ھەمكارلىقىمىز بار. تۈركىيەنىڭ ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىگە قارشى ئىراقنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش جەھەتتىكى پوزىتسىيەسى ئىنتايىن روشەن بولۇپ، بۇنى ئوچۇق شەكىلدە كۆرۈۋاتىمىز، ھېس قىلىۋاتىمىز. بۇمۇ بىزگە نىسبەتەن تولىمۇ خۇشاللىنارلىق بىر ئىش» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر