فىرانسىيەدە كاتولىك چېركاۋلاردىكى باسقۇنچىلىق شەرمەندىچىلىكى قايتا سوت قىلىنىدۇ

فىرانسىيەدە راھىپ بېرنارد پىرېيناتنىڭ باسقۇنچىلىق قۇربانىغا ئايلانغانلارنىڭ سانى ئېشىپ كېتىپ، بۇ شەرمەندىچىلىك پۈتۈن دۆلەت مىقياسىغا پۇر كەتكەن ئىدى.

810606
فىرانسىيەدە كاتولىك چېركاۋلاردىكى باسقۇنچىلىق شەرمەندىچىلىكى قايتا سوت قىلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە لىيون سوت مەەھكىمىسى كاتولىك چېركاۋلارنىڭ كاردىنالى فىلىپ باربارىننىڭ راھىپ بارنارد پىرېينات ئۆتكۈزگەن جىنىسىي جەھەتتىكى جىنايەتنى يوشۇرغانلىقى سەۋەبىدىن سوتقا تارتىش قارارى چىقاردى.

سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، باربارىننىڭ مەزكۇر جىنايەتكە ئالاقىدار 4 – ئاپرېلدا سوت قىلىنىدىغانلىقى ۋە سوتنىڭ 3 كۈن داۋاملىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باربارىن «لېموندى گېزىتى» گە بەرگەن باياناتىدا، 2009–يىلى جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەن پىرېناتنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاشنىڭ ئورنىغا، باشقا بىر رايونغا يۆتكەپ خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشتەك ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنىڭ ئوخشاش دەرىجىدە خەتەرلىك ئەمەسلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

باربارىن ئەينى چاغدا جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا تىرىشمىغانلىقىنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى جەھەتتىن ئەينى چاغدىكىدەك ھەرىكەت قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

فىرانسىيەدە 2016-يىلى دېكابىر ئېيىدا بېرتراند ۋىرېئۇكس ئىسىملىك بىر كىشى چېركاۋدا باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى ئارىدىن 45 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئېتىراپ قىلغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن چېركاۋدا باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان يەنە نۇرغۇن كىشى ئوتتۇرىغا چىقىپ،  ۋىرېئۇكسنىڭ رەھبەرلىكىدە «ئەركىن سۆز» ناملىق جەمئىيەتكە ئەزا بولۇشقان ئىدى.

راھىپ بېرنارد پىرېيناتنىڭ قۇربانىغا ئايلانغانلارنىڭ سانى ئېشىپ كېتىپ، بۇ شەرمەندىچىلىك پۈتۈن دۆلەت مىقياسىغا پۇر كەتكەن  ۋە لىيون كاتولىك چېركاۋى كاردىنالى فىلىپ باربارىن پىرېيناتنىڭ جىنايەتلىرىنى يوشۇرغانلىقى سەۋەبىدىن سوراققا تارتىلغان ئىدى.

باربارىن 2009–يىلى پىرېناتنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاشنىڭ ئورنىغا، باشقا بىر رايونغا يۆتكەپ خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرغان ۋە ئارىدىن 6 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن راھىپ يەنە بۇرۇنقى ۋەزىپىسىگە قايتىپ كەلگەن ئىدى.

پىرېينات ئەيىبلەشلەرنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، 2015-يىلىغا قەدەر ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرغان ئىدى. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر