دونالد ترامپنىڭ سۆزلىرى بەزى دۆلەتلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى

ۋېنېزۇئېلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جورگ ئاررېزا: «ترامپ ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىگە قاتناشقان رەھبەرلەرگە خۇددى ئۆزىنىڭ خىزمەتكارىدەك خىتاب قىلدى. بۈگۈن بۇ يەردە ئاڭلىغانلىرىمىز پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن ئازابلىنارلىق بىر ئىش» دېدى.

810495
دونالد ترامپنىڭ سۆزلىرى بەزى دۆلەتلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ب د ت ئومۇمىي كېڭشىدە قىلغان سۆزى بەزى دۆلەتلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.

شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارگوت ۋالسىتروم «BBC» قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا «ترامپ خاتا ۋاقىتتا، خاتا كىشىلەرنىڭ ئالدىدا، خاتا بىر نۇتۇق سۆزلىدى» دېدى.

ۋېنېزۇئېلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جورگ ئاررېزامۇ ب د ت مەركىزىي ئىشخانىسىدا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ترامپنىڭ ۋېنېزۇئېلانى تەنقىد قىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

ئاررېزا دونالد ترامپنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىدە سۆزلىگەن تۈنجى نۇتۇقىدا، ئۇرۇشتىن، دۆلەتللەرنى يوق قىلىشتىن ۋە ئېمبارگولاردىن سۆز قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ، «ترامپ ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىگە قاتناشقان رەھبەرلەرگە خۇددى ئۆزىنىڭ خىزمەتكارىدەك خىتاب قىلدى. بۈگۈن بۇ يەردە ئاڭلىغانلىرىمىز پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن ئازابلىنارلىق بىر ئىش» دېدى.

دونالد ترامپنىڭ تەھدىتلىرىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ۋە ئىرقىي ئايرىمچىلىق ئاساسىدىكى سۆزلىرىنىڭ سوغۇق ئۇرۇشنى قايتىدىن جانلاندۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئاررېزا: «دونالد ترامپ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىۋاتىدۇ. پۈتۈن دۇنيانى باشقۇرۇۋاتقانلىقىنى خىيال قىلىدۇ. بىراق ئۆز دۆلىتىنىمۇ باشقۇرۇلمايۋاتىدۇ» دېدى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زارىفمۇ تىۋىتتېر ھېسابىدىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ساۋاتسىزلارچە ۋە دۈشمەنلەرچە سۆزلىرىنىڭ 21 – ئەسىرگە ئەمەس، ئوتتۇرا ئەسىرلەرگە تەۋە ئىكەنلىكىنى شۇنداقلا بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرۇپ يۈرۈشكە ئەرزىمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

زارىف، «ئىرانلىقلارغا قارىتا ساختا ياخشى كۆرۈشلىرىنى ئىپادىلەش ھېچ كىشىنى ئالدىيالمايدۇ» دېدى. 

دونالد ترامنىڭ ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدىكى نۇتۇقىدا ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان زوراۋانلىقلار ھەققىدە ئېغىز ئاچماسلىقىمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تەنقىدكە ئۇچرىدى.

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بىنيامىن نېتانياھۇ بولسا، تىۋىتتېر ھېسابىدىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، دونالد ترامنىڭ نۇتۇقىنى مەدھىيەلەپ، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى 30 يىللىق تەجرىبەمگە ئاساسەن ئېيتالايمەنكى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ھېچ قاچان بۇنداق جەسۇر بىر نۇتۇقنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىدىم» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر