ئىراق ھاۋا ئارمىيەسى دائېش تېررورچىلىرىنى تەسلىم بولۇشقا چاقىردى

يۈز بېشى ھامىد ئەل ئۇبەيدى، ھۇجۇمدىن كېيىن دائېشنىڭ رايوندىكى نۇرغۇنلىغان ئىستىھكاملىرىنى تاشلاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

809751
ئىراق ھاۋا ئارمىيەسى دائېش تېررورچىلىرىنى تەسلىم بولۇشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق ھاۋا ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدا دائېشنىڭ كونتىروللۇقى ئاستىدىكى رايونلاردا تۇرۇشلۇق دائېش تېررورچىلىرىنى تەسلىم بولۇشقا چاقىرىق قىلدى.

ئىراق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق ھەربىي ئاخبارات تورى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «ئىراق ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە ئايروپىلانلار كەركۈكنىڭ خاۋىجە ناھىيەسىنىڭ مەركىزى ۋە شۇ يەرگە قاراشلىق ئەر رىياد، ئەل ئابباسى، ئەززاب داكۇك ناھىيەلىرىگە تەۋە ئەر رەشاد رايونىغا ھەمدە يەنە سالاھىددىن ۋىلايىتىگە قاراشلىق ئەش شىرقات ناھىيەسىگە ھاۋادىن مىڭلىغان ئاگاھلاندۇرۇش ۋاراقچىسى ئاتتى» دېيىلدى. 

باياناتتا، يەنە دائېش تېررورچىلىرىغا نىسبەتەن يا تەسلىم بولۇش ياكى ئۆلۈشتىن ئىبارەت ئىككى يولنىڭ بىرىنى تاللىشى ئۈچۈن ئاخىرىقى ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

ۋاراقچىلاردا، پۇقرالارنىڭ توغرا تەۋسىيە ۋە يول كۆرسىتىشكە ئىگە بولۇش ئۈچۈن دۆلەت رادىيوسىنى ئاڭلىشى كېرەكلىكى ھەققىدىمۇ مەلۇماتلارغا ئورۇن بېرىلدى.

نىنوۋا بىلەن ئەنبارغا قاراشلىق ئاكاشات رايونى قوتقۇزۇلغاندىن كېيىن، دائېشتىن پۈتۈنلەي قۇتۇلۇش سائەتلىرىنىڭ ئىنتايىن يېقىن ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

بۇ ئارىلىقتا ئىراق ئارمىيەسى ئەتىگەندە ئەنبارنىڭ غەربىدىكى ئانە ۋە رەيھانە رايونىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەربىي ھەرىكەت باشلىدى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش تەخمىنەن 3 يىل ئىلىگىرى ئانەنىڭ كونتىروللۇقىنى ئالقىنىغا كىرگۈزۈۋالغان ئىدى.

ئىراق ئارمىيەسى 2 كۈن ئىلگىرى ئەنبارنىڭ غەربىدىكى ئاككاشات رايونىنى دائېشتىن قايتۇرۇپ ئالدى.

يۈز بېشى ھامىد ئەل ئۇبەيدى سالاھىددىننىڭ شىمالىدىكى مەقھۇل تاغلىرىدا دائېشقا قارشى ھاۋادىن قىلىنغان ھۇجۇمدا 4 تېررورچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقىنى ئېيتتى.

ھامىد ئەل ئۇبەيدى نىشان قىلىنغان مەزكۈر رايوننىڭ كۆزىتىش نۇقتىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەنلىكىنى، ھۇجۇمدىن كېيىن دائېشنىڭ رايوندىكى نۇرغۇنلىغان ئىستىھكاملىرىنى تاشلاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىراق ئارمىيەسى 2014 – يىلى ئىيۇن ئېيىدا، دائېشنىڭ كونتىروللۇقىغا ئۆتۈپ كەتكەن مۇسۇلنى تەخمىنەن 9 ئاي داۋاملاشقان ھەربىي ھەرىكەت نەتىجىسىدە 10 - ئىيۇلدا تۇلۇق قايتۇرۇپ ئالغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر