«ۋېنېزۇئېلاغا تېخىمۇ كۈچلۈك بېسىملارنى قىلىشقا تەييارمىز»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋېنېزۇئېلاغا تېخىمۇ كۈچلۈك بېسىملارنى قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

809588
«ۋېنېزۇئېلاغا تېخىمۇ كۈچلۈك بېسىملارنى قىلىشقا تەييارمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقىگە ھاكىمۇتلەق تۈزۈمنى تېڭىشنى داۋاملاشتۇرغان تەقدىردە، ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتىگە تېخىمۇ كۈچلۈك بېسىملارنى قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

72-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭەش يىغىنلىرىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن نىيۇيوركقا بارغان ترامپ، لاتىن ئامېرىكا دۆلەتلىرىنىڭ پىرېزىدېنتلىرى بىلەن كەچلىك زىياپەتتە بىرگە بولدى.

زىياپەتتە بەكرەك ۋېنېزۇئېلانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئۈستىدە توختالغان ترامپ «سوتسىيالىست دىكتاتور»دەپ تەرىپلىگەن نىكولاس مادۇرو ھۆكۈمىتىنى «ۋېنېزۇئېلادىكى دېموكراتىيەنى يوق قىلىش بىلەن»ئەيىبلىدى.

ۋېنېزۇئېلانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنىڭ تولىمۇ ناچار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ دېموكراتىك ئورگانلارنى قايتىدىن بەرپا قلىش مۇساپىسىدە ۋېنېزۇئېلا خەلقىگە ياردەم قىلىش لازىملىقىنى ئېيتقان دونالد ترامپ مۇنداق دېدى:«ۋېنېزۇئېلا خەلقىنىڭ قوشنىسى ۋە دوستى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ۋېنېزۇئېلادا دېموكراتىيەنى قايتىدىن بەرپا قىلىش چىقىش، بۇ دۆلەتنى نورمال ھالەتكە كەلتۈرۈش ۋە خەلقنىڭ ئەركىنلىكلىرىنى تەكرار قولغا كەلتۈرۈشتە ئۇلارغا ياردەم قىلىشىمىز كېرەك.»

ئامېرىكا ھاكىمىيىتىنىڭ ھازىرغىچە ۋېنېزۇئېلاغا بىر قىسىم ئېمبارگو قارارلارنى يۈرگۈزۈشنى قارار قىلغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئەتكەن ترامپ سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: « ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتى خەلقىگە ھاكىمۇتلەق تۈزۈمنى تېڭىشنى داۋاملاشتۇرغان تەقدىردە، بۇ ھۆكۈمەتكە تېخىمۇ كۈچلۈك بېسىملارنى قىلىشقا تەييارمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر