ترامپ بالىلىقىنى ئۆتكۈزگەن ئۆي مۇساپىرلارنى كۈتۈۋالدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ نىيۇ يوركتا بالىلىق مەزگىلىنى ئۆتكۈزگەن ئۆي مۇساپىرلارنىڭ دۇنيا رەھبەرلىرىگە خىتاب قىلىش سەھنىسىگە ئايلاندى.

809296
ترامپ بالىلىقىنى ئۆتكۈزگەن ئۆي مۇساپىرلارنى كۈتۈۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا كەمبەغەللىككە قارشى كۈرەش تەشكىلاتى (Oxfam) ئۆي-زېمىن سودا تورى «Airbnb» دە كېچىلىكى 725 دوللاردىن ئىجارىگە بېرىلىدىغان ئۆينى ب د ت ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىدىن بۇرۇن مۇساپىرلار كىرىزىسىگە دىققەت تارتىش ئۈچۈن ئىجارىگە ئالدى.

خەلقئارا كەمبەغەللىككە قارشى كۈرەش تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكادىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئىشلىرىغا مەسئۇل دىرېكتورى شەنون سكارايبنىر بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ترامپ ۋە باشقا دۇنيا رەھبەرلىرىگە، مۇساپىرلارغا ئىگە چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدىغان كۈچلۈك سىگنال بېرىشنى ئۈمىد قىلدۇق» دېدى.

خەلقئارا كەمبەغەللىككە قارشى كۈرەش تەشكىلاتى شەنبە (16-سېنتەبىر) كۈنى ئۆيدە تۇرۇشقا تەكلىپ قىلغان تۆت نەپەر مۇساپىر باشتىن كەچۈرگەنلىرىنى مۇخبىرلارغا سۆزلەپ بەردى. 2012-يىلى ئايالى ۋە ئۈچ بالىسى بىلەن ئامېرىكاغا كەلگەن 41 ياشلىق سۈرىيەلىك مۇساپىر غاسسان ئالچاھادا: «سۈرىيەدىكى توقۇنۇش باشلىنىشتىن بۇرۇن ئامېرىكاغا كېلىشنى خىيال قىلاتتۇق، ھازىر بىزنىڭ خىيالىمىز ئەمەلگە ئاشتى» دېدى.

دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ سۈرىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نوپۇسىنىڭ كۆپ قىسمىنى مۇسۇلمانلار ئىگىلەيدىغان ئالتە دۆلەتكە قويغان ۋىزا چەكلىمىسىدىن كېيىن ھاياتىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ: «يېشىل كارت ئالالايمەن ۋە دۆلىتىمگە بارالايمەن دەپ ئۈمىدىم بار ئىدى، بىراق ترامپ پىرېزىدېنتلىققا سايلانغاندىن كېيىن دۆلىتىمگە بېرىشقا جۈرئەت قىلالمىدىم. ترامپقا بۇ ئۆيدە ئۇخلىغاندا قانداق ئويلاردا بولغانلىقىنى سەمىگە سېلىش ئۈچۈن كەلدىم، بالىلىق پېتى تۇرغان، مەرھەمەتلىكىنى ۋە ئاق كۆڭۈللۈكىنى يوقىتىپ قويمىغان بولسا ئىدى، ئۇنىڭ ئالىيجاناپ ئادەم ئىكەنكلىكىنى ئېيتقان بولار ئىدىم» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر