خىتاي بىلەن رۇسىيە، شىمالىي كورېيە ئەتراپىدا بىرلىكتە مانىۋېر ئۆتكۈزمەكتە

شىمالىي كورېيە ئەتراپىدا خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ئورتاق دېڭىز ئارمىيە مانىۋېرى ئۆتكۈزۈشى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

809065
خىتاي بىلەن رۇسىيە، شىمالىي كورېيە ئەتراپىدا بىرلىكتە مانىۋېر ئۆتكۈزمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي بىلەن رۇسىيە، شىمالىي كورېيە ئەتراپىدا بىرلىكتە دېڭىز ئارمىيە مانىۋېرىنى باشلىدى.

خىتاينىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى شىنخۇا، ئورتاق ھەربىي مەشىق مانىۋېرىنىڭ رۇسىيەنىڭ شەرقىي پورتى ۋىلادىۋوتوسىك ساھىلىدىكى پېترو دېڭىز قولتۇقى بىلەن ياپونىيەنىڭ شىمالىدىكى ئوكخاتوسىك دېڭىزىنىڭ جەنۇبىي قىسمى ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي – رۇسىيە ئورتاق دېڭىز ئارمىيە مانىۋېرى بولۇش خاراكتېرىگە ئىگە بۇ ھەربىي مەشىقنىڭ دەسلەپكى قىسمى ئىيۇل ئېيىدا بالتىق دېڭىزىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

شىنخۇانىڭ خەۋەرىدە، مانىۋېرنىڭ شىمالىي كورېيە يېرىكچىلىكى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ھەققىدە ھېچ نەرسە دېيىلمىدى. بىراق خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ مەسىلىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش چاقىرىقىدا بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

شىمالىي كورىيە جۈمە كۈنى ياپونىيە ھاۋا ساھەسىنى كېسىپ ئۆتكەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى ئارقىلىق خەلقئارانىڭ بېسىملىرىغا دوئېل ئېلان قىلغان بولۇپ، 3 – سېنتەبىردىمۇ 6 - قېتىملىق ۋە ئەڭ كۈچلۈك يادرو بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغان ئىدى.

ياپونىيە باش مىنىستىرى شىنزو ئابى تۈنۈگۈن نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىسىدا، شىمالىي كورېيەنىڭ قانچىلىغان قېتىم بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقىنى ۋە ئەمدىلىكتە خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ شىمالىي كورېيەگە قارشى بىرلىشىشى ۋە ئېمبارگو يۈرگۈزىشنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان ئىدى. 

شىنزو ئابى بۇ سىناقلارنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرىنى ئاياق ئاستى قىلغانلىقىنى ۋە شىمالىي كورېيەنىڭ ھازىر ئامېرىكا ۋە ياۋروپانى ھۇجۇم نىشانى قىلايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

شىمالىي كورېيە مەسلىسى بۇ ھەپتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىدا مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى نىككى ھالېي تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قولىدا شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو سىناقلىرىنى توسۇپ قالىدىغان چارە قالمىغانلىقىنى، شۇڭا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭىن كېيىن بۇ مەسلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشنى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا تاشلاپ بېرىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر