پارىژدا پىچاقلىق ھۇجۇم يۈز بەردى
فىرانسىيە پايتەختى پارىژدا بىر كىشى كوچا چارلاۋاتقان ساقچىلارغا پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلدى.
807817
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پارىژنىڭ شاتلې مېترو بېكىتىدە بىر كىشى كوچا چارلاۋاتقان ساقچىلارغا پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلغان. ھۇجۇمچى ساقچىلار تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلۇپ تۇتۇلغان.
ھۇجۇمچىنىڭ بۇرۇن جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكى بىلدۈرۈلدى، بىراق كىملىكى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلمىدى.