لوندون مېتروسىدا پارتلاش يۈز بەردى

ئەنگلىيە پايتەختى لوندون مېتروسىدىكى پارتلاشنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمى ياكى ئەمەسلىكى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلمىدى، بىراق ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا نۇرغۇن قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

807716
لوندون مېتروسىدا پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە تاراتقۇلىرى شەھەرنىڭ غەربىدىكى پارسونس گرىن بېكىتىدە پارتلاش يۈز بەرگەنلىكىنى ۋە ئارقىدىن ئوت كەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەمبەھىرلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، مېترونىڭ ئارقىسىدىكى بىر ئاق رەڭلىك كابېن پارتلىغان بولۇپ، مېترودىن چىققان يولۇچىلارنىڭ يۈزلىرى كۆيۈپ كەتكەن. مېترودىن قويۇق تۇمان كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن، يولۇچىلار دەرھال تارقاقلاشتۇرۇلۇپ، قاتناش توختىتىلغان.

لوندون مېتروسىدا كۈنىگە ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن تەخمىنەن 5 مىليون ئادەم قاتنايدۇ. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر