ئافغانىستاندا تەنتەربىيە زالىدا پارتلاش يۈز بەردى

مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلىۋاتقان ئەسنادا پارتلاش يۈز بەرگەنلىكى ۋە مۇسابىقىنىڭ توختىتىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

806427
ئافغانىستاندا تەنتەربىيە زالىدا پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدىكى خەلقئارا كالتەك توپ تەنتەربىيە زالىدا مۇسابىقە بولۇۋاتقان ئەسنادا پارتلاش يۈز بېرىپ، 2 ئامانلىقنى ساقلاش خادىمى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

پارتلاش، كابول خەلقئارا كالتەك توپ تەنتەربىيە زالىنىڭ دەرۋازىلىرىدىن بىرسىدە يۈز بەردى.

ئافغان تولو خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، ئافغانىستان كاتەك توپ كېڭىشىنىڭ پارتلاش يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بارلىق تەنتەربىيەچىلەرنىڭ سالامەت ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ۋەقە شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 15:45 دە يۈز بەردى. پارتلاشتىن كېيىن مۇسابىقە دەرھال توختىتىلدى.

پارتلاشتا تەنتەربىيە زالىغا كىرىپ كېتىۋاتقان 2 ئامانلىقنى ساقلاش خادىمى  ھاياتىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر