ھەسىنە ۋەجىد: ناف دەرياسى ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ جەسىتى بىلەن تولدى

باڭلادىش باش مىنىستىرى شەيخ ھەسىنە ۋەجىد بىرما ئارمىيەسىنىڭ ئىنسان قىلىپىدىن چىققان قىلمىشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

806289
ھەسىنە ۋەجىد: ناف دەرياسى ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ جەسىتى بىلەن تولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باڭلادىش باش مىنىستىرى شەيخ ھەسىنە ۋەجىد بىرمانىڭ ئاراكان رايونىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ئۈستىدە توختىلىپ: «ناف دەرياسىنىڭ ئۈستى جەسەتلەر بىلەن توشتى، بۇ پۈتۈنلەي ئىنسانىيەتكە خىلاپ قىلمىشتۇر» دېدى.

شەيخ ھەسىنە ۋەجىد تۈنۈگۈن باڭلادىشتا پاناھلانغان ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار تۇرۇشلۇق كۇتۇپالوڭ لاگېرىنى زىيارەت قىلدى.

ھەسىنە ۋەجىد لاگېرىدا قىلغان سۆزىدە، بىرمانىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇم ۋە قىيىن–قىستاق سەۋەبىدىن ئۆزىنىڭ قاتتىق ئازابلىنىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان ھەسىنە ۋەجىد: «بۇ قىيىن–قىستاقلارنىڭ سەۋەبى زادى نېمە؟  ئۇلار بىرمانىڭ خەلقى. مىليونلىغان ئىنسان ئۆي ماكانلىرىدىن ئايرىلدى، ناف دەرياسىنىڭ ئۈستى ئەر، ئايال ۋە كىچىك بالىىلارنىڭ جەسەتلىرى بىلەن تولدى، بۇ پۈتۈنلەي ئىنسانىيەتكە خىلاپ بىر قىلمىش، بۇ قىلمىشلار ئەڭ چوڭ دەپسەندىچىلىكتۇر» دېدى.

ھەسىنە ۋەجىد بىرما ھۆكۈمىتىنى بۇ ھەرىكەتلەرنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرق قىلىپ: «بۇ گۇناھسىز ئۆسمۈرلەر، ئاياللار ۋە ئىنسانلار زادى قاندق گۇناھ ئۆتكۈزدى؟ بۇ خىل ھەرىكەتلەرنى قەتئىي قوبۇل قىلالمايمىز. ئىنسان قىلىپىدىن چىققان بۇ خىل پوزىتسىيەلەرگە نارازىلىق بىلدۈرىمەن. بىرمانىڭ ئۆز پۇقرالىرىنى قايتۇرۇپ ئېلىش ۋە ئۇلارغا تۇرمۇشلىرى ئۈچۈن بىخەتەر يەر بەلگىلەپ بېرىش مەسئۇلىيىتى بار» دېدى.

بىرما ئارمىيەسىنىڭ «قوراللىق كۈچلەرگە قارشى كۈرەش» دېگەننى باھانە قىلىپ، ئاراكاندا پۇقرالارغا قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرى باشلانغان 25 –ئاۋغۇست كۈنىدىن بۇيان مىڭىلغان مۇسۇلمان ھاياتىدىن ئايرىلدى، بىرما ھۆكۈمىتى رايونغا كىرىپ - چىقىشنى چەكلىگەنلىكى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغان پۇقرالارنىڭ سانى تولۇق ئېنىقلانماي كەلمەكتە.

ھۇجۇمدا 150 دىن ئارتۇق يېزا بىرما ئارمىيەسى ۋە ئىرقچى بۇددىستلار تەرىپىدىن كۆيدۈرۈپ تاشلاندى. ئون مىڭىلىغان ئاراكانلىق مۇسۇلمان جېنىنى قوغداپ قىلىش ئۈچۈن ھازىرمۇ رايوندىن قېچىپ چىقىشقا تىرىشماقتا.

بىرمادىن قېچىپ چىققان پۇقرالار تاغلىق رايونلار ياكى ناف دەرياسى ۋە ياكى دېڭىز يولى ئارقىلىق باڭلادىشقا كەلمەكتە.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا، 25–ئاۋغۇستتىن بۇيان باڭلادىشقا قېچىپ بارغان پاناھلانغۇچىلار سانىنىڭ 370 مىڭغا يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر