بىر مىليون پەلەستىنلىك ئوقۇغۇچى پەلەستىننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئىمزا يىغدى

پەلەستىن مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تەشكىللىشى ئارقىسىدا بىر مىليون پەلەستىنلىك ئوقۇغۇچى پەلەستىننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئىمزا يىغدى.

805916
بىر مىليون پەلەستىنلىك ئوقۇغۇچى پەلەستىننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئىمزا يىغدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىر مىليون پەلەستىنلىك ئوقۇغۇچى «مۇستەقىل پەلەستىن» ئۈچۈن ئىمزا يىغدى.

ئىسرائلىيەنىڭ پەلەستىن زېمىندىكى ئىشغالىيىتىگە خاتىمە بېرىش ۋە مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بىر مىليون پەلەستىنلىك ئوقۇغۇچى تەرىپىدىن ئىمزالانغان مەكتۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېسقا يەتكۈزۈپ بېرىلىش ئۈچۈن پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇت ئابباسقا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.

پەلەستىن رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى ۋافانىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە ئاساسانغاندا، ئابباس بىر مىليون پەلەستىن ئوقۇغۇچى ئىمزالىغان مەكتۇپنى تاپشۇرۇپ ئالغان.

ئابباس مەزكۇر مەكتۇپنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېسقا يەتكۈزۈپ بېرىدىكەن.

پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇت ئابباس مۇنداق دېدى: «بۇ مەكتۇپ خەلقىمىزنىڭ ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىققە ئېرىشىش ئارزۇسىنىڭ نە قەدەر كۈچلۈك ئىكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى بولۇش بىلەن بىرگە،  پەلەستىنلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتىنىنىڭ مۇستەقىللىقىگە ۋە خەلقىگە پارلاق كېلەچەك بەرپا قىلىش تىرىشچانلىقىنىڭ ئەھمىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.»

پەلەستىن مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاۋغۇست ئېيىنىڭ ئاخىرىدا پەلەستىننىڭ ئەركىنلىكى ۋە مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئىمزا يىغىش پائالىيىتى باشلىغانىدى.

پەلەستىننىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى رىياد مەنسۇرمۇ يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ 20-سىنتەبىردە چاقىرىلىدىغان 72-نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىدا ماقۇللىنىش ئۈچۈن 16 قارار لايىھەسى تەييارلاپ چىققانلىقىنى ئېيتىپ، پەلەستىن دۆلەت رەئىسى ئابباسنىڭ ئومۇمىي كېڭەشتە قىلىدىغان سۆزىنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپ ماددىسىنىڭ پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق بەرپا قىلىش ۋە مۇشۇ يىل ئىچىدە مەيدانغا كەلگەن ئۆزگىرىشلەردىن تەشكىل تاپىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئۆتكەن ئاي ئىشغالىيەت ئاستىدىكى پەلەستىن زېمىنلىرىنى زىيارەت قىلغان ب د ت باش كاتىپى گۇتېررېس پەلەستىن باش مىنىستىرى رامى ئەل-ھامداللاھ بىلەن كۆرۈشكەندە، تىنچلىقنىڭ ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى بىلەن ئىشقا ئاشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەنىدى: «ب د ت ۋە ئۆزۈمگە ۋاكالىتەن ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە ئىشغالىيەتكە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن مۇۋاپىق شارائىتنى بەرپا قىلىش يولىدا بارلىق كۈچىمىز بىلەن تىرىشىمىز. پەلەستىن دۆلىتى ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ يېنىدىلا قۇرۇلغان، بۇ ئىككى دۆلەت بىر-بىرىلىرىنى ئېتىراپ قىلغان، شۇنداقلا تىنچلىق ۋە ئىشەنچ ئىچىدە بىرلىكتە مەۋجۇت بولغان تەقدىردە ئاندىن بۇ زېمىنلاردا تىنچلىق بەرپا بولىدۇ.»

گۇتېررېس يەنە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا بەرپا قىلىۋاتقان قانۇنسىز كۆچمەن  يەھۇدىي تۇرۇلغۇ جاي قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسغا توسالغۇ بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتكەنىدى.

ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق مۇزاكىرىلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ «1967-يىلدا بېكىتىلگەن چېگرالارنى، كۆچۈشكە مەجبۇرلانغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ قايتىپ كېلىش ھوقۇقىنى ۋە يەھۇدىي تۇرالغۇ جاي قۇرۇلۇشلىرىغا خاتىمە بېرىشنى قوبۇل قىلماسلىقى»سەۋەبىدىن 2014-يىلى ئاپرېلدا توختاپ قالغانىدى.

شەرقىي قۇددۇس ۋە ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى 1967-يىلدىن بۇيان ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدا تۇرماقتا، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇستا 200مىڭ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا 400مىڭدىن ئارتۇق كۆچمەن يەھۇدىي ياشايدۇ. خەلقئارا قانۇندا بۇ رايونلاردىكى بارلىق كۆچمەن يەھۇدىي تۇرالغۇ جايلىرى قانۇنسىز قوبۇل قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر