ئىراق، شىمالىي ئىراقنىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسىنى خەلق ئاۋازىغا قويۇش قارارىنى رەت قىلدى

ئىراق پارلامېنتى، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ 25 – سېنتەبىردە ئۆتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتقان «مۇستەقىللىق مەسىلىسىنى خەلق ئاۋازىغا قويۇش قارارى» نى رەت قىلدى.

805612
ئىراق، شىمالىي ئىراقنىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسىنى خەلق ئاۋازىغا قويۇش قارارىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىئە مىللىي ئىتتىپاقىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى ئەلى سافى، «پارلامېنت، 25 – سېنتەبىردىكى ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىنى كۆپ سانلىقنىڭ ئاۋازى بىلەن رەت قىلدى» دېدى ۋە پارلامېنتنىڭ قارارىغا قارشى چىققان كورد پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ يىغىن زالىدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

328 ئورۇندۇقلۇق ئىراق پارلامېنتىدىكى بېلەت تاشلاشقا 168 پارلامېنت ئەزاسى قېتىلدى.

ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى باشلىقى مەسئۇد بارزانى، 7 – ئىيۇندا سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن يىغىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن بايانات بېرىپ، ئۇزۇندىن بۇيان دەتالاش قىلىنىپ كېلىۋاتقان مۇستەقىللىق مەسىلىسىنىڭ 2017 – يىلى 25 - سېنتەبىردە خەلق ئاۋازىغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەلئىبادى بولسا، بارزانىنىڭ مەزكۇر باياناتىدىن كېيىن، «ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، (بېلەت تاشلاش) نەتىجىسىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقلىرى» نى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر