«ئاراكاندا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە مۇساپىرلار دولقۇنى يۈز بەرمەكتە»

ب د ت ئىنسانىي ئىشلار كوردىناتسىيەسى ئىشخانىسى باياناتچىسى لىئونارد دويلې ئاراكاندىن باڭلادىشقا بارغان مۇساپىرلار سانىدا كۆرىنەرلىك ئېشىش كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

805532
«ئاراكاندا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە مۇساپىرلار دولقۇنى يۈز بەرمەكتە»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانىي ئىشلار كوردىناتسىيەسى ئىشخانىسى باياناتچىسى لىئونارد دويلې 25-ئاۋغۇستتىن بۇيان بىرمادىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدىن قېچىپ باڭلادىشتىن پاناھلىق تىلىگەن ئاراكانلىق مۇسۇلمان سانىنىڭ 370مىڭ يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

دويلې بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى جەنۋە ئىشخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا باڭلادىشقا بارغان ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ سانىدا كۆرىنەرلىك ئېشىش كۆرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ «25-ئاۋغۇستتىن بۇيان چېگرادىن ئۆتكەنلەرنىڭ سانى 370مىڭغا يەتتى»دېدى.

«چېگرادىن ئۆتكەن ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ سانى تۈنۈگۈن  313 مىڭ ئەتراپىدا ئىدى. قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا مۇساپىرلارنىڭ سانىنىڭ تېزلا كۆپىيىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟»دېگەن سوئالغا قارىتا دويېلى، چېگرادىن ئۆتكەندە تىزىمغا ئېلىنماي قالغان نۇرغۇن مۇساپىرنىڭ ۋاقىتلىق تۇرالغۇ جايلارغا ياردەم بۇيۇملىرى ئېلىش ئۈچۈن ئېقىپ بېرىشى بىلەن ساننىڭ ئاشقانلىقىنى ئېيتتى.

مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا باڭلادىشتىن تېلېفون ئارقىلىق ئۇلانغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلارغا ياردەم فوندى جەمئىيىتى بالىلارنى ياردەم ئىشخانىسى مۇدىرى جېن لىيباي، باڭلادىشقا بارىدىغان مۇساپىرلارنىڭ سانىدا ئازىيىشنىڭ ئالامىتىنى ھازىرچە كۆرۈپ يېتەلمىگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: « ئاراكاندا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە مۇساپىرلار دولقۇنى يۈز بەرمەكتە.»

جېن لىيباي چېگرادىن ئۆتكەن مۇساپىرلارنىڭ %60نىڭ بالىلاردىن تەشكىل تاپىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ «بىر قىسىم بالا كېسەللىك، بىر قىسىم بالا بولسا قىيىن شارائىتلار سەۋەبلىك ئېغىر پىسخىكىلىق دالغۇشقا دۇچ كەلمەكتە.»

سۇ ئارقىلىق يۇقۇملانغان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇساپىرلار لاگىرلىرىدا پاكىز سۇغا ئېھتىياج تۇغۇلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان جېن لىيباي، ئاراكانلىق 20مىڭ بالىنىڭ جىددىي ياردەمگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر