رۇسىيە: S-400 كېلىشىمى ئىمزالاندى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ھەربىي ھەمكارلىقلارغا مەسئۇل مەسلىھەتچىسى ۋىلادىمىر كوجىن، رۇسىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ S-400 باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنى يۆتكەش بويىچە كېلىشىم ئىمزالىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

805602
رۇسىيە: S-400 كېلىشىمى ئىمزالاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ھەربىي ھەمكارلىقلارغا مەسئۇل مەسلىھەتچىسى ۋىلادىمىر كوجىن، رۇسىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ S-400 باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنى يۆتكەش بويىچە كېلىشىم ئىمزالىغانلىقىنى ۋە كېلىشىمنى ئىجرا قىلىشنى باشلايدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.

ۋىلادىمىر كوجىن رۇسىيە تاراتقۇلىرىغا بايانات بېرىپ، «كېلىشىم ئىمزالاندى، ئىجرا قىلىشقا تەييارلىق قىلىنماقتا. S-400 نىڭ بىر قاتار تېخنىكىلىق ۋاسىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ناھايىتى مۇرەككەپ سىستېمىلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر. دېمەك، بۇ يەردە نۇرغۇنلىغان ناھايىتى ئىنچىكە تەپسىلاتلار بار» دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «بىراق، كېلىشىمگە ئالاقىدار پۈتكۈل قارارلارنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتلىرىمىزگە مۇۋاپىق ئىكەنلىكىگە كاپالەتلىك قىلالايمەن. بۇ نۇقتىدىن، بەزى غەرب ئەللىرىنىڭ تۈركىيەگە بېسىم ئىشلىتىشكە تىرىشىشىنىڭ سەۋەبلىرىنىمۇ چۈشىنەلەيسىلەر» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، دۇنيانىڭ ئەڭ ئىلغار ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنىڭ بىرى، دەپ قارىلىۋاتقان S-400 باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرى ئۈچۈن «ھەقىقىي مەنىدە بىر ئۈچرەت» شەكىللەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن كوجىن، غەربىي جەنۇبى ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى بىر قاتار دۆلەتلەرنىڭ S-400 بومبىلىرىغا ئەستايىدىل قىزىقىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ۋىلادىمىر كوجىن بۇ ھەقتە تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ توختىلىپ، «ئەمما، S-400 ناھايىتى قىممەت بىر سىستېما. خالىغانلا تەرەپ ئالالايدىغان بىر سىستېما ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەۋجۇت كېلىشىملەر، بۇ سىستېمىلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش يۇقىرى چېكىگە يېتىپ بولدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر