كۆپ ساندا گېرمان ئۇچقۇچىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىدا تويۇقسىزلا ئۆزگىرىش كۆرۈلدى

گېرمانىيەدە كۆپ ساندا ئۇچقۇچىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىدا تويۇقسىزلا ئۆزگىرىش بولۇپ، 70 ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

805414
كۆپ ساندا گېرمان ئۇچقۇچىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىدا تويۇقسىزلا ئۆزگىرىش كۆرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېرلىن ھاۋا يوللىرى شىركىتى، كۆپ ساندا ئۇچقۇچى سالامەتلىك ئەھۋالىدا بىرلا ۋاقىتتا تويۇقسىزلا ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى مەلۇم قىلغانلىقى ئۈچۈن، 70 ئايروپىلان سەپىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى؛ بېرلىن ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، بېرلىن تېگېل، دۇسسېلدورف، ھامبۇرگ ۋە كۆلن قاتارلىق شەھەرلەردىكى كۆپلىگەن ئايرودۇرۇملاردىن قوزغىلىدىغان ئايروپىلانلارنىڭ قوزغىلىش پىلانى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

سالامەتلىك ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش بولغان ئۇچقۇچىلار سانىنىڭ «بىنورمال» ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

گېرمانىيەنىڭ ئىككىنچى چوڭ ئاۋىياتسىيە شىركىتى ھېسابلىنىدىغان بېرلىن ھاۋا يوللىرى شىركىتى، ئۆتكەن ئاي ۋەيران بولۇشتىن قوغدىنىش ئىلتىماسى سۇنغان بولۇپ، شىركەتكە تۇنجى رەسمىي تەكلىپنى İNTRO گوروھى سۇنغانىدى.

ۋەيران بولۇشتىن قوغداش تەكلىپىنىڭ 15 – ئىيۇلغىچە تاپشۇرۇۋېلىنىدىغانلىقى، قارارنىڭ 21 – سېنتەبىرگىچە چىقىرىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر