پاكىستان جامائەتى ئىسلامى پارتىيەسى ئاراكان مۇسۇلمانلىرىنى قوللاپ نامايىش ئۆتكۈزدى

جامائەتى ئىسلامى پارتىيەسىنىڭ مىڭلارچە ئەزاسى پاكىستاننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان كاراچى شەھىرىدە ئاراكان مۇسۇلمانلىرىنى قوللاپ نامايىش ئۆتكۈزدى.

804915
پاكىستان جامائەتى ئىسلامى پارتىيەسى ئاراكان مۇسۇلمانلىرىنى قوللاپ نامايىش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كاراچىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىرما ئارمىيەسىنىڭ ئاراكان مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان قەتلىئاملىرىنى ئەيىبلەش نامايىشىغا نۇرغۇن ئادەم ئىشتىراك قىلدى؛ نامايىشچىلارنىڭ مۇھەممەد ئەلى جىنناھنىڭ خاتىرە مازىرىدا باشلانغان يۈرۈشى تىبەت مەركىزى ئالدىدا ئاخىرلاشتى.

جامائەتى ئىسلامى پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى سىراجۇلھەق نامايىشچىلارغا قاراتقان تېلېۋىزىيە نۇتقى ئەسناسىدا، دۇنيا رەھبەرلىرىنى ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا يۈرگۈزۈلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشقا چاقىردى.

«ئاراكاندىكى قىرغىنچىلىقنى توختىتىڭلار» دېگەن خەتلەر يېزىلغان پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈۋېلىشقان نامايىشچىلار، ئاراكاندا قەتلى قىلىنغان مۇسۇلمانلارنىڭ فوتو – سۈرەتلىرىنىمۇ كۆتۈرۈپ ماڭدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر