مۇسۇل دائېشتىن تازىلانغاندىن كېيىنمۇ پۇقرالار ئۆيلىرىگە قايتالمىدى

ئىراقتا مۇسۇل شەھىرىنىڭ مەركىزى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن قۇتقۇزۇلغاندىن كېيىنمۇ پۇقرالار يۈرتلىرىغا قايتالمىدى.

804235
مۇسۇل دائېشتىن تازىلانغاندىن كېيىنمۇ پۇقرالار ئۆيلىرىگە قايتالمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇسۇل ۋىلايەتلىك پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى باشلىقى غىزۋان ھامىد داۋۇدى: «مۇسۇلنىڭ شەھەر مەركىزى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن قۇتقۇزۇلغىنىغا بىر ئايدىن ئاشقان بولسىمۇ، غەربىي تەرىپىدىكى مۇسۇلنىڭ قەدىمىي پۇقرالىرى ئۆيلىرىگە قايتىپ كېلەلمەيۋاتىدۇ» دېدى.

كونا مۇسۇلدا ۋەيران بولغان بىنا خارابىلىقلىرى ئاستىدا چېقىرىلىشى كېرەكلىك نۇرغۇنلىغان پۇقرالارنىڭ ۋە دائېش مىلتانلىرىنىڭ جەسەتلىرى بارلىقىنى تەكىتلەپ، «ئىراق مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئۆيلەردىن تەركىپ تاپقان خارابىلقلارنى تازىلاش ئۈچۈن پۇقرالارنىڭ شەھەرگە قايتىشىغا رۇخسەت بېرىشى لازىم» دېدى.

ئىراق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق پۇقرالارنى مۇداپىئە قىلىش مۇدىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇسۇلنىڭ غەربىي تەرىپى دائېشتىن قۇتقۇزۇلغان ئىيۇل ئېيىدىن بۇيان بىنا خارابىلىقلىرى ئاستىدىن پۇقرالارغا تەۋە 2100 جەسەتنىڭ چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەل ئىبادى تەخمىنەن 9 ئاي داۋاملاشقان ھەربىي ھەرىكەت نەتىجىسىدە 10 – ئىيۇل كۈنى مۇسۇلنىڭ دائېشتىن تازىلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر