مېكسىكىدا 8.9 بال يەر تەۋرىدى

مېكسىكىنىڭ تىنچ ئوكيان بويىدا 8.8 بال يەر تەۋرىدى.

803222
مېكسىكىدا 8.9 بال يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېكسىكىنىڭ تىنچ ئوكيان بويىدا قاتتىق يەر تەۋرىدى.

مېكسىكا يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىدارىسى 8.4 بال يەر تەۋرىگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

يەر تەۋرەشنىڭ مېكسىنىڭ تىنچ ئوكيان بويلىرىغا 120 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا مەيدانغا كەلگەنلىكى ۋە تەخمىنەن مىڭ كىلومېتىرلىق جايغىچە تەسىر كۆرسەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، يەر تەۋرەش پايتەخت مېكسىكىغا 4 مىنۇت ئەتراپىدا تەسىر كۆرسەتكەن ۋە شەھەرنىڭ كۆپ قىسمىدا توك توختاپ كەتكەن.

يەرلىك سائەت 22:49دا مەيدانغا كەلگەن يەر تەۋرەشتىن كېيىن ئوتتۇرا ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ تىنچ ئوكيان بويلىرىدىمۇ دېڭىز تاشقىنى  سىگنالى بېرىلدى.

تىنچ ئوكيان دېڭىز تاشقىنى ئاگاھلاندۇرۇش مەركىزىمۇ رايوندا 70 سانتىمېتىر ئىگىزلىكتە دېڭىز تاشقىنى دولقىنى مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئىگىلىنىشىچە مېكسىكىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان چىپاس ئۆلكىسىدە 2 كىشى ئۆلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر