سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىدە پارتلاش يۈز بەردى

سۈرىيەنىڭ شىمالدىكى ئىدلىب ۋىلايىتى مەركىزىدە بىر تەنتەربىيە زالىغا يېقىن جايدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 1 كىشى يارىدار بولدى.

802285
سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىدە پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىدلىب خەلقنى مۇداپىئە قىلىش ئەترىتى مۇدىرى مۇھەممەد ھاجى يۈسۈف، شەھەر مەركىزىدىكى تەنتەربىيە زالىغا يېقىن جايدا بىرلا ۋاقىتتا بىر قانچە قېتىم پارتلاش يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

مۇھەممەد ھاجى يۈسۈف دوختۇرخانىدا بالنېستقا ئېلىنغان يارىدارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مۇھەممەد ھاجى يۈسۈف پارتلاشتىن كېيىن ئوت كەتكەنلىكىنى ۋە خەلقنى مۇداپىئە قىلىش ئەترىتى بىلەن ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ تىرىشچانلىقىدا ئۆچۈرۈۋېلىنغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

پارتلاشنىڭ سەۋەبىنىڭ تېخىچە ئېنىقلانمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن مۇھەممەد ھاجى يۈسۈپ، «ئەترىتىمىز خىزمەتلىرىنى داۋلاملاشتۇرماقتا. پارتلاشنىڭ سەۋەبى تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىمىز ئاخىرلاشقاندا ئاندىن مۇئەييەنلىشىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر