ھىندونېزىيەدە بىرما ھۆكۈمىتىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ھىندونېزىيەنىڭ پايتەختى جاكارتادا مىڭلارچە ھىندونېزىيەلىك ئاراكان مۇسۇلمانلىرىنىڭ قەتلىئام قىلىنىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

802351
ھىندونېزىيەدە بىرما ھۆكۈمىتىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندونېزىيەنىڭ پايتەختى جاكارتادا تۇرۇشلۇق بىرما ئەلچىخانىسى ئالدى بىلەن شەھەرنىڭ ئاۋات مەيدانى ھېسابلىنىدىغان بۇندارانغا يىغىلغان مىڭلارچە ھىندونېزىيەلىك، ئاراكان مۇسۇلمانلىرىنىڭ قەتلىئام قىلىنىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

بىرماغا قارشى شوئار توۋلاپ «ئاراكاندىكى قەتلىئامنى توختىتىڭلار»دېگەن مەزمۇندىكى لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈۋېلىشقان نامايىشچىلار، ھۆكۈمەتتىن بىرما ئەلچىسىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرشنى تەلەپ قىلدى.

نامايىشقا قاتناشقان ئىرفان مافتۇھ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ قەتلىئام قىلىنىش ئەھۋالى توغرۇلۇق بەرگەن باياناتلىرىنى ئەسلىتىپ ئۆتۈپ مۇنداق دېدى: «ھۆرمەتلىك ئەردوغانغا ئاراكاندا يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇمغا تۇتقان پوزىتسىيەسى سەۋەبلىك مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز، بارلىق رەھبەرلەر ئەردوغاندىن ئۆگىنىشى لازىم.»

نامايىش سەۋەبلىك شەھەردىكى نۇرغۇن يول قاتناشقا توسۇۋېتىلدى، ساقچىلار بىرمانىڭ جاكارتادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىدا كەڭ كۆلەملىك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر