ھىندونېزىيە دائېشقا قارشى تۈركىيەنىڭ ئىستىخبارات ھەمكارلىقىنى تەلەپ قىلدى

ھىندونېزىيە دېڭىز ئىشلىرى مىنىستىرى لۇھۇت پانجاتان سۈرىيەدىكى نۇرغۇنلىغان ھىندونېزىيە پۇقرالىرىنىڭ ۋەتىنىگە قايتىپ كېتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

802171
ھىندونېزىيە دائېشقا قارشى تۈركىيەنىڭ ئىستىخبارات ھەمكارلىقىنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندونېزىيە دېڭىز ئىشلىرى مىنىستىرى لۇھۇت پانجاتان سۈرىيەدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەش ئۈچۈن تۈركىيە بىلەن ئىستىخبارات ھەمكارلىقى ئورنىتىشقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

لۇھۇت پانجاتان سۈرىيەدىكى نۇرغۇنلىغان ھىندونېزىيە پۇقرالىرىنىڭ ۋەتىنىگە قايتىپ كېتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «سۈرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەش ئۈچۈن تۈركىيە بىلەن ئىستىخبارات ھەمكارلىقى ئورنىتىشقا ئېھتىياجىمىز بار» دېدى. 

بۇنىڭدىن باشقا يەنە ھىندونېزىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ساھەسى ۋە ئىقتىساد ساھەلىرىدىمۇ سىنېرگىيە ياراتالايدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان لۇھۇت پانجاتان، تۈركىيەنىڭ خۇسۇسەن سىنگاپۇردا ئىشلىتىلىۋاتقان تولىمۇ ئىلغار قورال تېخنىكىسىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ،  ھىندونېزىيە – تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا قورال تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۈرۈش جەھەتتە ئورتاق خىزمەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

لۇھۇت پانجاتان: «بۇ ئىش داۋام قىلىدىغان بولسا، ھەر ئىككى تەرەپكە مەنپەئەتلىك بولىدۇ» دېدى.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، «تۈركىيە، ھىندونېزىيە ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى «ASEAN»نىڭ بازارىغا كىرەلەيدۇ. بۇ ئارقىلىق بىزمۇ ياۋروپا بازىرىغا كېرەلەيمىز» دېگەن قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر