ئاۋىستىرالىيەدە يۇقۇملۇق زۇكام جانغا زامىن بولدى

ئاۋىستىرالىيەدە يۇقۇملۇق زۇكام 70 – 94 ياش ئارىلىقىدىكى 13 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

800127
ئاۋىستىرالىيەدە يۇقۇملۇق زۇكام جانغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاياتىدىن ئايرىلغانلاردىن 7 سىنىڭ ۋانگاراتتا شەھىرىدىن، 6 سىنىڭ تازمانيا ئۆلكىسىدىن ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

يەنە 13 ياشانغان كىشىنىڭ يۇقۇملۇق زۇكام بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى ئەسكەرتكەن دائىرىلەر، ئۇدا بىر ھەپتە مەركەزگە سىرتتىن ئادەم كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ تازمانيا ئۆلكىسىدە يۇقۇملۇق زۇكامنىڭ كەڭ تارقالغانلىقىنى، شۇڭا قاتتىق تەدبىر قوللىنىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر