ئىراق ئارمىيەسى تەلافەر شەھەر مەركىزىگە كىردى

ئىراق ئارمىيەسى، تۈركمەنلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان تەلافەر ناھىيەسىنىڭ كۆپ قىسمىنى كونتروللۇقى ئاستىغا ئالدى.

797140
ئىراق ئارمىيەسى تەلافەر شەھەر مەركىزىگە كىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق ئارمىيەسى، مۇسۇلغا قاراشلىق تەلافەر ناھىيەسىنى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى دائىرىسىدە تەلافەر قەلئەسىنى تەشكىلاتتىن قايتۇرۇپ ئېلىپ، قەلئەگە ئىراق بايرىقىنى ئاستى.

تەلافەرنى قۇتۇلدۇرۇش ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ قوماندانى بىرىگادا گېنېرالى ئابدۇلئەمىر يارۇللاھ يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «ئىراق ئارمىيەسى، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قىلىش كۈچلىرى، تەلافەر قەلئەسى ۋە تەلافەر ئورمانلىقىنى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن قايتۇرۇۋېلىپ، قەلئەگە ئىراق بايرىقىنى ئاستى» دېدى.

ئۇ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، «ئىراق ئارمىيەسى، ھەربىي ھەرىكەتلەر باشلىغاندىن بۇيان 28 رايوننىڭ 16 سىنى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن قايتۇرۇپ ئالدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلغانىدى.

تەلافەرنىڭ يەر كۆلىمىنىڭ 26600 كىۋادرات كىلومېتىر ئىكەنلىكىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتكەن يارۇللاھ، ئىراق كۈچلىرىنىڭ بۇنىڭ 16100 كىۋادرات كىلومېتىرلىق قىسمىنى دائېشتىن قايتۇرۇپ ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر