ئەنگلىيەدە ساقچىلارغا پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىشى ۋەقەسى يۈز بەردى

ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندىكى بۇكىڭھام سارىيىنىڭ ئالدىدا بىر كىشى ساقچىلارغا پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلدى.

797099
ئەنگلىيەدە ساقچىلارغا پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىشى ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە ساقچى دائىرىلىرى، ئىككى ساقچى يارىلانغان مەزكۇر ۋەقەدە، بىر كىشىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ھۇجۇمدا يارىلانغان ساقچىلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، ۋەقەنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ پىچاقلىق بىر كىشىنىڭ ھەرىكەتلىرىدىن شۈبھىلىنىپ ساقچىلارنى ئاگاھلاندۇرغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن، ساقچىلارنىڭ مەزكۇر كىشىگە مۇداخىلە قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئەنگلىيەدە بۇ يىل يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى سەۋەبىدىن تېررورلۇق ھۇجۇمىغا قارشى ھوشيار تۇرۇش سىگنالى يۇقىرى دەرىجىگە چىقىرىلغان، بولۇپمۇ ئەنگلىيە پارلامېنتى، بۇكىڭھام سارىيى، باش ۋەزىرلىك مەھكىمىسى، داڭلىق ترافالگار مەيدانى ۋە شەھەردىكى ساياھەتچىلەر كۆپلەپ بارىدىغان كۆپلىگەن جايلاردىكى قوراللىق ساقچىلارنىڭ سانى كۆپەيتىلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر