ترامپنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ئىشلىرى مەسلىھەتچىسىمۇ ئاقسارايدىن ئايرىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى سېباستىئان گوركا ئاقساراي بىلەن ۋىدالاشتى.

797151
ترامپنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ئىشلىرى مەسلىھەتچىسىمۇ ئاقسارايدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سېباستىئان گوركا، يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە ترامپ ھۆكۈمىتى بىلەن ۋىدالاشقان ئاقسارايدىكى بەشىنچى مەسلىھەتچى بولۇپ قالدى. گوركانىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشى ياكى ئىستېپا بېرىشكە زورلىنىشى، ترامپنىڭ باش ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى ستېۋ باننون بىلەن ئۆتكەن ھەپتە يوللىرىنى ئايرىشىدىن كېيىن كۈتۈلۈۋاتقان بىر ئىش ئىدى.

دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ساھەلىرىدە ئوخشاش قاراشلارنى ئىلگىرى سۈرىدىغان گوركا بىلەن باننون، ترامپ ھۆكۈمىتىدە ۋەزىپە ئۆتەشتىن ئىلگىرى، Breitbart News دا بىرلىكتە خىزمەت قىلاتتى.

گورگانىڭ ئاقسارايدىن ئايرىلىشىدا، بىر قانچە ھەپتە ئىلگىرى ئاقساراينىڭ مەخسۇس كاتىپ مۇدىرلىقى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان جون كېللېينىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقى ئەسكەرتىلمەكتە.

كېللىينىڭ ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىشىدىن كېيىن، ئاقسارايدا كۆرۈلگەن پەۋقۇلئاددە خىزمەتچى ئالماشتۇرۇش نەتىجىسىدە ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن ياكى خىزمەتتىن ھەيدەلگەنلەر ئارىسىدا مەخسۇس كاتىپ مۇدىرى رىئېنس پرىئېبۇس، باياناتچى سېئان سپىسېر، ئالاقە ئىشلىرى دىرېكتورى ئانتوني سارامۇككى، باش ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى ستېۋ باننون ۋە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى سېباستىئان گوركا قاتارلىقلار بار.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر