پاكىستان ترامپنىڭ سۆزىنى رەت قىلدى

پاكىستان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ «پاكىستان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى پاناھلىنىدىغان جاي بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ» دېگەن سۆزىنى رەت قىلدى.

796831
پاكىستان ترامپنىڭ سۆزىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان مىللىي خەۋپسىزلىك كېڭىشى باش مىنىستىر شاھىد خاكان ئابباسىنىڭ باشچىلىقىدا يىغىن چاقىردى. يىغىن تەخمىنەن بەش سائەت داۋام قىلدى. يىغىندىن كېيىن ئاخىرلاشقان باياناتتا، ئامېرىكانىڭ پاكىستاننى «قۇربانلىق قوي» قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ ئافغانىستاننىڭ مۇقىملىقىغا پايدىلىق ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.

باياناتتا، ئافغانىستان ئۇرۇشىغا پاكىستاندىن قوماندانلىق قىلىنمايدىغانلىقى، ئامېرىكانىڭ پاكىستاندا تېررورلۇقنىڭ كۈچىيىشىدە مەسئۇلىيىتى بارلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ئافغانىستاندا تېررورىستلار پاناھلىنىۋاتقان جايلارنىمۇ يوقىتىشى كېرەكلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر