راققەدە 24 سائەت ئىچىدە 78 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى

سۈرىيەنىڭ شىمالدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ كونتىروللۇقىدىكى راققە شەھىرى مەركىزىدىكى تۇقۇنۇشلار تۈپەيلىدىن تەخمىنەن 30 مىڭ پۇقرا قورشاۋ ئاستىدا قالدى.

794390
راققەدە 24 سائەت ئىچىدە 78 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ شىمالدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ كونتىروللۇقىدىكى راققە شەھىرى مەركىزىگە مۇشۇ 24 سائەت ئىچىدە قىلىنغان ھۇجۇملاردا، 78 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

«راققە جىجىتقىنا قەتلىئام قىلىنماقتا» ناملىق پائالىيەت تورىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى ئىتتىپاقداش قىسىملارنىڭ ھاۋادىن قىلغان ھۇجۇمى ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/پ ي د تەشكىللىگەن سۈرىيە دېموكراتىك قىسىملىرىنىڭ توپ بىلەن قىلغان ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن مۇشۇ 24 سائەت ئىچىدىلا 78 پۇقرانىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

دائېشقا قارشى ئىتتىپاقداش قىسىملار بىلەن تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/پ ي د نىڭ راققە شەھەر مەركىزىگە قىلغان ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن تەخمىنەن 450 مىڭ پۇقرا ئۆي – ماكانلىرىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى.

شەھەر مەركىزىدىكى تۇقۇنۇشلار تۈپەيلىدىن تەخمىنەن 30 مىڭ پۇقرا قورشاۋ ئاستىدا قالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر