ئامېرىكا رۇسىيەلىكلەرگە ۋىزا بېرىشنى توختاتتى

ئامېرىكا ئەلچىخانىسى 23-ئاۋغۇستتىن باشلاپ رۇسىيەگە، ساياھەت، ۋاقىتلىق خىزمەت قىلىش، ئوقۇش ۋە ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش پىروگرامملىرى دائىرەسىدە بېرىلىدىغان كۆچمەنلىك سىرتىدىكى ۋىزىلارنى بېرىشنى توختىتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

793961
ئامېرىكا رۇسىيەلىكلەرگە ۋىزا بېرىشنى توختاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: موسكۋادىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى رۇسىيەگە كۆچمەنلىكنىڭ سىرتىدىكى ۋىزىلارنى بېرىشنى توختىتىدىغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا، مەزكۇر قارارنىڭ رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا دىپلوماتلىرى سانىنى 1-سېنتەبىردىن باشلاپ 455 كە چۈشۈرۈش تەلىپىگە جاۋابەن چىقىرىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رۇسىيەدىكى ئامېرىكا دىپلوماتلىرى سانىغا قويغان چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن كۆچمەنلىك ئىشلىرىدىن باشقا ۋىزا رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش 23-ئاۋغۇستتىن باشلاپ توختىتىلىدۇ. 1-سېنتەبىردە موسكۋا ئەلچىخانىسىدا كۆچمەنلىكتىن باشقا ۋىزا رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش قايتىدىن باشلىنىدۇ، بىراق ھەر قايسى كونسۇلخانىلاردا بۇ ۋىزىلارنى بېجىرىش مۇددەتسىز داۋام قىلىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، بارلىق ۋىزا ئىلتىماسلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ، ۋىزىغا ئىلتىماس قىلغانلارغا قايتىدىن ئىلتىماس قىلىش توغرىسىدا ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ.»

باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى:

«رۇسىيە ھۆكۈمىتى بەلگىلىگەن 1-سېنتەبىرگىچە دىپلوماتلىرىمىزنىڭ بۇ دۆلەتتىن ئايرىلىشى ۋە سانىنى چۈشۈرۈش خىزمەتلىرىنىڭ پىلانى باشلاندى. ئەلچىخانىمىز خادىملىرىمىزنىڭ سانى ئەڭ تۆۋەن چەكتە بولغان مۇددەت ئىچىدە ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەدە خىزمەت بېرىدۇ، چەكلىك بولغان ئەلچىخانا خىزمەتچىلىرىنىڭ سانى كۆچمەنلىك ۋىزىسىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ۋىزا ئىلتىماس قىلغۇچىلارغا، يۈزتۇرانە كۆرۈشۈش ۋاقتى توغرىسىدا ئۆزگىرىش بولغاندا ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ.»

باياناتتا، مەزكۇر قارار چىقىرىلىشتىن بۇرۇن ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ۋە ھەر قايسى كونسۇلخانىلارغا ۋىزا ئۈچۈن تۆلەنگەن پۇللارنىڭ ئىگىلىرىگە قايتۇرۇلمايدىغانلىقى ۋە ئىلتىماسنىڭ باشقا دۆلەتلەردىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىلىرىغا ئەۋەتىلمەيدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەندى.

بىراق، ۋىزا ئۈچۈن تۆلەنگەن پۇلنىڭ تۆلەنگەن ۋاقىتتىن باشلاپ بىر يىلغىچە كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىمۇ ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر