فىرانسىيە تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا قارشى ھوشيارلىقنى ئۆستۈردى
ئىسپانىيەدىكى قانلىق ھۇجۇمدىن كېيىن فىرانسىيەمۇ تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا قارشى ھوشيارلىقنى ئۆستۈردى.
793174
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەنىڭ ئىسپانىيە چېگراسىغا يېقىن شەھىرى نىمدىكى پويىز ۋوگزالى، پارىژدىن نىمغا قاتنايدىغان تېز پويىزدىكى يولۇچىلارنىڭ <پويىزدا قوراللىق ئۈچ كىشىنىڭ بارلىقى توغرىسىدىكى مەلۇم قىلىش ئۇچۇرى> غا ئاساسەن، تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بېرىپ قېلىش ئېھتىماللىقى نەزەردە تۇتۇلۇپ بوشىتىلدى ۋە مەزكۇر لىنىيەدىكى قاتناش توختىتىپ قويۇلدى.
ئالاقىدار ئەمەلدارلار، تەكشۈرۈش ھەرىكىتى جەريانىدا توقۇنۇش چىقمىغانلىقىنى، بىر گۇماندارنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.