ئاسىيادا يۈز بەرگەن سۇ ئاپەتلىرى 245 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

رايوندىكى شىددەتلىك يامغۇر سۇ ئاپىتى ۋە دەريالارنىڭ تېشىپ كېتىشىگە سەۋەب بولدى.

790819
ئاسىيادا يۈز بەرگەن سۇ ئاپەتلىرى 245 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باڭلادىش، ھىندىستان ۋە نېپالدا يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتى ۋە دەريا تاشقىنلىرى سەۋەبىدىن 245 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 10 مىڭلىغان كىشى ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى.

رايوندىكى شىددەتلىك يامغۇر سۇ ئاپىتى ۋە دەريالارنىڭ تېشىپ كېتىشىگە سەۋەب بولدى.

نېپالدا 110 كىشى، ھىندىستاندا 108 ۋە باڭلادىشتا 27 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ئالاقىدار مەسئۇللار ھىندىستاننىڭ ئاسام شەھىرىدە سۇ ئاپىتىگە ئۇچرىغۇچىلار ئۈچۈن قۇرۇلغان ياردەم جېدىرلىرىدا 200 مىڭدىن ئارتۇق كىشى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئاپەت رايونىدا ھازىرمۇ 15 مىڭ كىشى قالغانلىقىنى قەيت قىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن ھىندىستان ۋە نېپال چېگراسىدىكى دەريا سۇلىرىنىڭمۇ خەتەرلىك سەۋىيەگە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر