«تۇخۇم سەتچىلىكى» بۇ قېتىم ۋېنگېرىيەدە يۈز بەردى

ئىچىدە قۇرت دورىسى بولغان تۇخۇملار بۇ قېتىم ۋېنگىرىيەدىمۇ بايقالدى.

790690
«تۇخۇم سەتچىلىكى» بۇ قېتىم ۋېنگېرىيەدە يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزاسى 15 دۆلەتتىن سىرت شىۋېتسارىيە، خوڭكوڭ ۋە جەنۇبىي كورېيەدە بايقالغان ئىچىدە قۇرت دورىسى بولغان تۇخۇملار بۇ قېتىم ۋېنگىرىيەدىمۇ بايقالدى.

ۋېنگىرىيە دۆلەتلىك يېمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىك ئىدارىسى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، ئىچىدە قۇرت دورىسى بولغان تۇخۇم ياكى تەركىبىدە بۇ تۇخۇملاردىن بولغان مەھسۇلاتلارنىڭ ۋېنگىرىيەدىمۇ بايقالغانلىقىنى بىلدۈردى.   

بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ گېرمانىيەدىن ئىمپورت قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، يېزا-ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ۋېنگىرىيەگە ئىمپورت قىلىنغان تۇخۇم ياكى تەركىبىدە بۇ تۇخۇملاردىن بولغان مەھسۇلاتلارنىڭ قاتتىق تەكشۈرۈلىدىغانلىقى، تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنىڭ بۇ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىچىدە قۇرت دورىسى بولغان تۇخۇم ياكى تەركىبىدە بۇ تۇخۇملاردىن بولغان مەھسۇلاتلارنى 15 ئەزا دۆلەتتىن سىرت شىۋېتسارىيە ۋە خوڭكوڭنىڭمۇ ئىمپورت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. دەسلەپ گېرمانىيە، بېلگىيە ۋە گوللاندىيەدە تارقىلىپ ئارقىدىن باشقا ئەزا دۆلەتلەرگە تارقالغان تۇخۇم سەتچىلىكى، تەخمىن قىلىنغاندىنمۇ كۆپ دۆلەتتە يۈز بەردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ يېزا-ئىگىلىك ۋە سودا باياناتچىسى دانيېل روسارىيو گېرمانىيە، بېلگىيە، فىرانسىيە ۋە گوللاندىيەدە «فىپرونىل»ئىشلەتكەن دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنىڭ ۋاقتىلىق تېرىلغۇ ئىشلىرىدىن توختىتىپ قويۇلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەرىپىدىن «ئوتتۇرا سەۋىيەدە زىيانلىق ماددا»دەپ كۆرستىلگەن فىپرونىل ماددىسى كۆپ ئىستېمال قىلىنغان تەقدىردە بۆرەك، جىگەر ۋە تىرويت بېزىغا زىيان بېرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر