بېيجىڭ: شىركەتلىرىمىز زىيانغا ياكى سودا كېلىشىملىرى دەخلىگە ئۇچرىغان تەقدىردە ھەرىكەتكە ئۆتىمىز

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ ئەقلىي مۈلكىنى ئوغرىلاپ - ئوغرىلىمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى.

790439
بېيجىڭ: شىركەتلىرىمىز زىيانغا ياكى سودا كېلىشىملىرى دەخلىگە ئۇچرىغان تەقدىردە ھەرىكەتكە ئۆتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەزكۇر بۇيرۇق، ئامېرىكا سودا ۋەكىلى روبېرت لايتھايزېرنىڭ زىممىسىگە خىتاينىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن تېخنولوگىيە ۋە ئەقلىي مۈلۈك ئوغرىلىغانلىقى توغرىسىدىكى دەۋالارنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى يۈكلىدى.

ترامپ بۇ ھەقتە توختىلىپ، «بۇ چوڭ بىر قەدەم ۋە بىر باشلانغۇچ» دېدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۇنيىڭ، قارار ئىمزالىنىشتىن ئىلگىرىلا بايانات بېرىپ، «بىر سودا ئۇرۇشىنىڭ ئىستىقبالى ۋە غالىبى بولمايدۇ، ھەر ئىككى تەرەپ زىيان تارتىدۇ. بىر قانچە قېتىم تەكىتلەپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئامېرىكا – خىتاي سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەبىئىتى ئۆزئارا پايدىلىنىش ۋە مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى تايانچ قىلىدۇ» دېدى.

خىتاي سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتىمۇ، مەزكۇر تەكشۈرۈشنىڭ ئېغىر ئەندىشە پەيدا قىلغانلىقىنى ۋە خىتاي شىركەتلىرىگە زىيان يەتكۈزگەن ياكى سودا كېلىشىملىرىگە خىلاپلىق قىلىنغان تەقدىردە، ھەرىكەتكە ئۆتىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئەقلىي مۈلۈك مەسىلىسى ۋاشىنگتون بىلەن بېيجىڭ ئارىسىدا ئۇزۇندىن بۇيان دەتالاش قىلىنىۋاتقان بىر مەسىلە بولۇپ، قارارنامىنىڭ ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدا بىر سودا ئۇرۇشىنى پەيدا قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر