سۈرىيە ھاكىمىيىتى خان شەيخۇننى يەنە بومباردىمان قىلدى

ئەسەد ھاكىمىيىتى كۈچلىرى سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىگە قاراشلىق خان شەيخۇن بازىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، 5 پۇقرانى ئېغىر يارىلاندۇردى.

789608
سۈرىيە ھاكىمىيىتى خان شەيخۇننى يەنە بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىدلىب پۇقراۋى قوغدىنىش مەركىزىي خادىملىرىدىن مۇھەممەد ھاج يۇسۇف ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا بايانات بېرىپ، «ھاكىمىيەتكە قاراشلىق زەمبىرەكچى قىسىملار تۈنۈگۈن كېچە بويىچە خان شەيخۇنغا ھۇجۇم قىلدى... رايوندا ھەربىي كۈچ يوق. پۇقرالار بومباردىمان قىلىندى. ھۇجۇمنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر تاپشۇرۇپ ئالدۇق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

خان شەيخۇن 4 –ئاپرېلدا ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، كەم دېگەندە 100 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان، 500 گە يېقىن پۇقرا يارىلانغانىدى.

خان شەيخۇن، تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران بېكىتىپ چىققان توقۇنۇشماسلىق رايونلىرى سىزىقىنىڭ ئىچىدىن ئورۇن ئالىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر