ئىتتىپاقداش كۈچلىرى باياناتچىسى: ئىراقتىكى 2 مىڭ دائېشچىنى چىقىرىش قىيىن

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ باياناتچىسى پولكوۋنىك ريان دىللون باغدادتىن  ۋىدېئو چاستوتا ئارقىلىق ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا ئۇلىنىپ، بەرگەن باياناتىدا، ئىراقنىڭ تەلئەفەر رايونىدىكى 2 مىڭ دائېشچىنى چىقىرىشنىڭ قىيىنلىقىنى بىلدۈ

788315
ئىتتىپاقداش كۈچلىرى باياناتچىسى: ئىراقتىكى 2 مىڭ دائېشچىنى چىقىرىش قىيىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇسۇلنىڭ دائېشتىن ئازاد قىلىنىشىدىن كېيىن ئىراقتا تەشكىلاتنىڭ قولىدا پەقەت بىرقانچە جايلا قالغانلىقىنى ئەسكەرتكەن دىللون، «ئىتتىپاقداش كۈچلىرى تەلئەفەردە ۋە ئەتراپىدا دائېش ئەزاسى 2 مىڭ تېررورىست بارلىقىنى تەخمىن قىلماقتا. دائېشنى ئىراقتىكى ئاخىرقى قەلئەلىرىدىن بىرىدىن چىقرىىش قىيىن دەپ قارايمەن» دېدى.

دائېشتىن تازىلانغان رايونلار توغرۇلۇق مەلۇمات بەرگەن دىللون، تەشكىلاتنىڭ مۇسۇلنى قولدىن بېرىپ قويۇشى ۋە رەققەدىمۇ مەغلۇبىيەتكە يۈزلىنىشى سەۋەبلىك قاتتىق بېسىمغا دۇچ كەلگەنلىكىنى ھەمدە كىرىم مەنبەلىرىنىڭ كۆپ قىسمىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ يېقىنقى 3 يىل ئىچىدە دائېشقا ئائىت 30 بانكىغا زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن دىللون، ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭمۇ بۇ باسقۇچتا دائېشقا ئائىت 90 بانكىنىڭ خەلقئارالىق پۇل – مۇئامىلە سىستېمىسى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر