شىمالىي كورېيە خەلقى ئامېرىكىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

يۈز مىڭلارچە كىشى شىمالىي كورېيەنىڭ پايتەختى پىيوڭياڭدا بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئامېرىكىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

787593
شىمالىي كورېيە خەلقى ئامېرىكىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىم ئىلسۇڭ مەيدانىغا يىغىلغان كەڭ خەلق ئاممىسى نامايىشتا ئامېرىكىغا قارشى شوئار توۋلىدى، كىم جۇڭئۇننى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

پىيوڭياڭ ھۆكۈمىتى مۇشۇ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى تىنچ ئوكياندىكى ئامېرىكا تېرروتېرىيەسى بولغان گۇئام ئارىلىغا ئوتتۇرا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

شىمالىي كورېيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاۋغۇست ئېيىدا گۇئام ئارىلىغا 4 دانە ئوتتۇرا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىش پىلانى پىرېزىدېنت كىم جۇڭئۇننىڭ تەستىقلىشىنى كۈتمەكتە ئىكەن.

شىمالىي كورېيە ئارمىيەسىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، «پىلانىمىزنى ئىجرا قىلىمىز ۋە گۇئام ئارىلىغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن باش قوماندانىمىزنىڭ بۇيرۇقىنى كۈتۈۋاتىمىز» دېيىلدى. شىمالىي كورېيە دائىرىلىرى ترامپنىڭ تەھدىتلىرىنى «بىر ئۇچۇم چالۋاقاشتىن ئىبارەت» دەپ ئاتىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر